سەمەت مۇھەممەد رامىزان 1963- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى كەلپىن ناھىيىسىنىڭ گەزلىك يېزا قالما كەنتىدە تۇغۇلغان. 1982- يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە – سودا مەكتەپنىڭ باج كەسپى سىنىپىدا ، 1993- يىلى شىنجىاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىنىڭ باج كەسپى سىنىپىدا ، 2001 – يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ( ماتىريال ئارقىلىق ، تۇلۇق كۇرس ) سىنىپىدا ئوقۇغان . ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كۇچار ، كەلپىن ، ئاقسۇ ، ساۋەن ، ئونسۇ قاتارلىق ناھىيە ، شەھەرلەردىكى باج ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن . ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت بېجى ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .
ئۇ 1986- يىل 8- ئايدا « ئاقسۇ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان « جەڭچى ناخشىسى » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان . ھازىرغا قەدەر ئاپيۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت - ژۇرناللىرىدا 150 پارچىدىن كۆپراق ھېكايە ، شىېر ، نەسىر ؛ 15 پارچىدىن كۆپراق تەرجىمە ئەسەر ؛ 40 پارچىدىن كۆپراق مالىيە – باج ،ئىقتىسادقا دائىر ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىندى . « ئىككى خىل پۇزۇتسىيە»ناملىق ھېكايىسى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىر قىلغان « 100 ھېكايە » ناملىق توپلامغا ، بىر قىسىم شېئىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان « تاغ بۇلاقلىرى » ناملىق توپلامغا كىرگۈزىلدى .
2009- يىل 3- ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستتىتى نەشرىياتى تەرىپىندىن «ھايات تامچىللىرى» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
بىر تۈ*ركۈم نەسىر ، شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى .
2010-يىل 2- ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشبىسى، ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىندىن «تۆھپىكار ئەدىب» مۇكاپاتىغا نائىل بولدى.