ئىگىسى: يۈسۈفىي

يۈسۈفىي: ئەدىبلەر نېمە دېدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-19 16:03:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيىلەش رولى بار. لېكىن بۇ رول ھەرگىزمۇ ئەدەبىياتنىڭ بىردىنبىر رولى ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن روللىرى (فۇنكىسيىلىرى) ئىچىدىكى بىرى، خالاس! ھازىرقى مەسىلە شۇكى، بەزىلەر ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيىلەش رولىنى بەكلا يۈكسەكلىكە كۆتۈرۈپ كۆپتۈرىۋېتىدۇ، شۇنداقلا بەك زور ئۈمىد كۈتىدۇ. بەزىلەر بولسا بىراقلا ئىنكار قىلىدۇ (خۇددى بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلغاندەك). ئەدەبىيات ئىنسان روھىنى قازىدۇ، ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. مۇشۇنداق بىر نېگىزلىك فۇنكىسيىنى ئۆزىگە بەلگە قىلغان ئەدەبىياتتىن مائارىپتىن، قانۇندىن، مەمۇرىيەتتىن، ئۈستىقۇرۇلمىدىن، ئىقتىسادى بازىستىن كۈتكەن ئارزۇ - ئۈمىدلەرنى كۈتۈش بەكلا خىيالى ئىش. يازغۇچىلارنى پىرلاشتۇرۇش، ئەدەبىياتنى غايىۋىلاشتۇرۇش ئەدەبىياتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە مۇخالىپ. شۇڭا ئەدەبياتنىڭ ۋە يازغۇچىلارنىڭ رولىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلىۋەتمەيلى. ئەدەبىيات بەزى يازغۇچىلار ھاياجانلانغان ۋاقتلىرىدا نەسىرلىرىدە، شېئىرلىرىدا سىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىلىرىنى ھەرگىزمۇ بېرەلمەيدۇ.

ۋاقتى: 2015-11-19 16:37:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىن ئەھمىدى ئاكىنىڭ ئېيتقانلىرى ھەقىقەتەن ئۇرۇنلۇق پىكىر بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-11-20 00:29:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈفىي يوللىغان ۋاقتى  2015-11-18 20:57
يۇقىرىقى قاراشلار سۆز ئېيتقۇچىغا تەۋە. ئەلۋەتتە كۆپى ...

  مەيلى كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بولسۇن، ھازىر زامان ئەدەبىياتىمىز بولسۇن، بىزنى ئەلۋەتتە ‹‹ باي-پاراۋان ›› قىلىۋەتمەيدۇ، لېكىن، كۆزىمىزنى ئېچىپ ‹‹ ئەقىللىقىراق ›› قىلىپ قويۇشقا بولسىمۇ چامىسى يېتەر .

ۋاقتى: 2015-11-20 01:24:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا يوللىغان ۋاقتى  2015-11-19 16:03
مېنىڭچە ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيىلەش رولى بار. لېكىن  ...

                 ھېلىقى بىر :

                                 .................................................
                                 ................................................
                                 كۆرەڭلەپ كەتمە، ئامەتلىرىڭدىن،
                                 ئاخىرى تەڭ بولارمىز قەۋرە ئالدىدا.

               دېگەن رۇبائى بارغۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر يادىلاپ ئىچىۋالغان ۋە قويۇن خاتىرىلىرىدە
‹‹ ئەڭگۈشتەر ›› دەك ساقلاپ يۈرىۋاتقان... ، ئەگەر، ئىنسانىيەتتىكى ھاياتلىق  شۇنچىلىكلا نەرسە بولسا،
ئەزىزانە قەشقەردىكى  بۇيۈك مۇتەپپەككۈرىمىز ‹‹ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى›› بىلەن،
جاھالەت پىرى ‹‹ ئاپاق خوجا مازىرى›› نىڭ قىممىتى ئوخشاش بولۇپ قالماسما ؟، زامانىمىزدىكى يېتۈك ئالىم  ئابدۇقادىر داموللا بىلەن ،  قانخور شىڭ دۇبەننىڭ غالچىسى- ئابدۇغوپۇر شاپتۇلنىڭ قەشقەردىكى  
‹‹ ئورنى ›› تەڭ بولۇپ قالماسما ؟ يورۇق دۇنيانىڭ جاكارچىسى- ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ئوتتۇز ئۈچ
يېشىغېچە بۇ ھەقىقەتنى بىلمىگەن بولسا، ئورۇستا، شەمەيدە سودىگەرلىكىنى قىلىپ ، ئەينى زاماندىكى ئئالامەت-كارامەت شىركەتلەرنى قۇرۇپ ئۇنىڭ لېدىرى بولۇپ كېرىلىپ يۇرمەسمىدى. جەڭگىۋار شائىر- ل. مۇتەللىپ ‹‹ جوڭگۇ ،جوڭگۇ ئانىجان ۋەتېنىم سەندۇ  ›› ، دەپ  يېڭى جوڭگۇ ئارزۇسىنى  ياڭرىتىپ  قەھرىمانلارچە قۇربان بولمىغان بولسا،  ئەينى يىللاردا ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى ›› نىڭ باشلىقى بولۇپ قالارىدى، بەلكىم.  بۇنداق مىساللار كۈرمىڭ، تەڭرىنىڭمۇ  ‹‹كۆزى باردۇر›› . كىم-كىمنى تەربىيىلىدى،
كىم نېمە يازدى،  كىم نېمە ئوقىدى،نېمىنى چۈشەندى، نېمىنى چۈشەندۈردى، نېمىنى چۈشەنمىدى، نېمىنى بىلمەكچى،نېمىنى دېمەكچى، نېمنى قىلماقچى -بۇلارنىڭ ئىچى-تېشىدا ‹‹ ئەدەبىيات ›› يوقما ؟
  سەتىرەك ئاڭلىىنىۋاتقان ‹‹  تەربىيلەش ›› ، ‹‹ ۋەزىپە ››  دېگەندەك ھەۋەسكار مۇخبىرلارنىڭ سۆزلىرىنى چىقىرىۋەتسەك، يەنىلا قالىدىغېنى -سۆيۈملۈك ئەدەبىياتتۇر. توغرا ، ‹‹ ئەدەبىيات ›› ۋە ئۇنىڭ ھامىلىلىرى
ئادەملەرنى  ئۈچ قەۋەت داچىلىق، كاتتا ماشىنىلىق... پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ [ بۇ-بەرھەق ]
ئەمما، ھېس-تۇيغۇلۇق ئىنساندىكى بارلىق ‹‹ بايلىق ›› نى  يانار تاغنىڭ ماگمىسەدەك ئېتىلدۇرۇپ
چىقىشقا  قۇربىلقتۇر. ئۇنداقتا،  ‹‹ ئەدەبىيات نېمىش قىلىدىكەن ؟؟؟؟!!!!
                          

باھا سۆز

خوپ، سىزگىمۇ رەھمەت !  ۋاقتى: 2015-11-20 07:25 PM
مۇشۇ ھەقتە ماقالە يازسىڭىز بولغىدەك .رەھمەت.  ۋاقتى: 2015-11-20 04:14 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش