تۇرسۇنجان مۇھەممەت 1965- يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى خوتەن ۋىلايەت چىرا ناھىيە گۇلاخما يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1981-يىلى 9-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە كېرىيە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنىڭ ئومۇمى پەن كەسپىدە ئوقۇپ، شۇ يىلى 9-ئايدا گۇلاخما يېزا ياپىلاق باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1986- يىلى 9-ئايدىن 1988- يىلى 7- ئايغىچە خۇتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چىرا ناھىيە دامكۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1991- يىلى8- ئايدا خۇتەن ۋىلايەتلىك « يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۈلۈمىگە يۆتكىلىپ كېلىپ مۇھەررىر بولغان. 1996- 1997- يىللىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ چوڭلار مائارىپى بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە تولۇق كۇرۇسنى تۈگەتكەن. ھازىر بۇ ژۇرنالنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. كاندىدات ئالىي مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىغا ئىگە.
تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ ئىجادىيىتى 1987- يىلى خۇتەن مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا باشلانغان بولۇپ، « يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1987- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان « ھۈنەر ئالماشتۇرۇش» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇندىن بۇيان « تارىم»، « تەڭرىتاغ»، « يېڭى قاشتېشى»، « شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، « شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا « ئانا قەدرى»، « بۆرە جىلغىسى»، « ئالۋۇن»، « قىيادىكى ئاي» قاتارلىق 14 پوۋېست، « قارا مۈشۈك»، « يېڭى تاۋۇس ئەللەيىن»، « مەھشەر كۈنى» قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، « كۈمۈش لېنتىدە چاقنىغان نۇر»، « دېھقان يېنىدا ئېشەك بار»، « ئەل غېمىنى ئەر يەيدۇ» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ئەدەبىي ئاخبارات، نەزىرىيىۋى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. مىللەتلەر نەشىرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن « ھىجران»(ئىككى توملۇق رومان)، « جەزىرە»، «كۈز يامغۇرى» قاتارلىق رومانلىرى، « قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى»، « كۇھىقاپتىكى تەبەسسۇم»، « سېھىرلىك نەي»، « ۋىجدان كۆزى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى، « ئەل ئايىغى بېسىققاندا»( ئا. قادىرى بىلەن بىللە)، « تۈندىكى پەرىشتە» قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان، تەتقىقاتچى كېرىمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن « ئۇيغۇر پوۋېستلىرىدىن تاللانما» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ 3- تومى –« كروران گۈزىلى» دېگەن توپلامغا « قۇرۇلتاشتىكى كۈنلەر» ناملىق پوۋېستى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. « كۈز يامغۇرى» ناملىق رومانى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇنىڭ «جەزىرە» ناملىق رومانى، « قىيادىكى ئاي»، « يېڭى تاۋۇس ئەللەيىن»، « بۇ چۈش ئەمەس»، « شىۋىرغانلىق كېچە»، « توزغاق»، «تەۋەرۈك ئۇستۇرا» قاتارلىق پوۋېست- ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ « جاھاننىڭ ئېتىكى كەڭرى»، « قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى»، « قىيادىكى ئاي» قاتارلىق ئۈچ پوۋېستى ئايرىم ئايرىم ھالدا « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، « ئانا قەدرى»، « قۇرۇلتاشتىكى كۈنلەر»، « ئەلۋىدا كىرپىك»، « شەيتانكەرىش» قاتارلىق 8 پارچە پوۋېست- ھېكايىلىرى خۇتەن ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. تەھرىرلىك كەسپىدە ئۇ تەھرىرلىگەن « خەتەرلىك ئۈچىنچى باسقۇچ» قاتارلىق بىر نەچچە ئەسەر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاخبارات نەشىرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەھرىرلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا ئۇ 2007-يىلى 5-ئايدا « تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 555 سان نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش كاتتا يىغىنىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە « تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن « ئالاھىدە تۆھپە» مۇكاپاتىغا، 2008-يىلى 8-ئايدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان « 2- نۆۋەتلىك ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى» نى باھالاش پائالىيىتىدە « ياش يازغۇچىلار نەتىجە مۇكاپاتى»غا، ئۇنىڭ « ھىجران» ناملىق ئىككى توملۇق رومانى 2009-يىلى 12-ئايدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 3- نۆۋەتلىك « تەڭرىتاغ ئەدەبىيات -سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
تۇرسۇنجان مۇھەممەت جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق 12 مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى 6-، 7- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.خۇتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى.