مەمتىمىن ئاكامغا مۇبارەك بولسۇن. بۇ پائالىيەتكە مەمتىمىن ھوشۇر تاللىنىپ دەل ئورنىنى تېپىپتۇ. سۆيۈندۈم. ئىلگىرى بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازنىڭ ئۆزى يازغان ھېكايە-رومانلىرىنى ئوقۇپ ھاياجانلانغان بولسام. بۇ نۆۋەت مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ تەرجىمە ھېكايىلار توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلاش جەريانىدا بۇ ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. شۈنچە ئېسىل ساتىرىك ھېكايىلارنى ئۆزى يازغاندەك تولىمۇ سۈپەتلىك، گۈزەل تەرجىمە قىپتۇ. پاتلا نەشىردىن چىقىدىغان « جۇڭگو نادىر ھېكايىلىرىدىن تاللانما- چەك تارتىش» ناملىق تەرجىمە كىتابى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يەنە بىر يېڭىلىنىش ۋە سىلكىنىش ئېلىپ كېلەلىشى چوقۇم.
مەن كافكا ئەسەرلىرىنى سېستىمىلىق ئوقۇش ۋە كافكا خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 15 يازغۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ھېكايە- رومانلىرىنى سېستىمىلىق كۆرۈپ چىقىش جەريانىدا، بۇ ئەسەرلەردىكى بىمەنىلىك، كىشىلىك دۇنيادىكى گاڭگىراش قاتارلىقلارنىڭ مەمتىمىن ھوشۇردىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى بىلدىم. مەمتىمىنكامنىڭ ھېكايىلىرىنى كافكا، چىخوف، ماركوز، مېرىمى، مۇپاسسان، يەن لىيەنكې قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تامامەن بىر ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن.
مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، كۈنلىرىگە مەنا، تىلەيمەن!
|