地址
麦麦提敏•阿卜力孜 著
我终于打听到
太阳的地址
用黑笔写在
黑夜的黑色轻纱上
我终于得到答案
世界的边缘
就在世界的中心
我没有弄错
我敲打黑夜甫门
却敲开了黎明的门
我在水杯里的水已经凉了
我身体里的水
却不能解我的干渴
那水是没有地址的
我在风的邮箱里投了一个封信
却忘了写光的地址
也忘了贴夜的邮票
ئادرىس
مەمتىمىن ئابلىز
ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى
قۇياشنىڭ ئادرىسىنى
ئالدىم دېرەكلەپ
يازدىم ھەم ئۇنى
تۈننىڭ قارا رەڭلىك گەزلىمىسىگە
ئاخىرى ئىگە بولدۇم جاۋاپقا
دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق چېتىمۇ
ئىكەن ئەسلىدىنلا دۇنيا مەركىزى
خاتا ئەمەس قىلغىنىم پەقەت
قاققىنىمچە تۈن قوۋۇقىنى
ئاچتىم داغدام تاڭ ئىشىكىنى
مۇزلاپ قالدى پىيالەمدە سۇ
گەرچە سۇ تېنىمدە پەۋەس تۇرسىمۇ
ئۇ زىنھار قاندۇرالماس چاڭقاقلىقىمنى
چۈنكى يوق ئەزەلدىنلا سۇنىڭ ئادرىسى
شامالنىڭ خەت ساندۇقىغا تاشلىدىم مەكتۇپ
ئۇنتۇپ كېچىنىڭ ماركىسىنى چاپلاشنى
ھەم ئۇنتۇپ يېزىشنى نۇر ئادرىسىنى...
ئىلاۋە: مەمتىمىن ئىنىمىزنىڭ بۇ شىئېرىنى بىر نەرسىگە ئىشلەتمەكچى بولۇپ، تەرەپپاللا تەرجىمە قىلىپ بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم. كۆرۈپ باقارسىلەر!