يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: دېھقانباي

ئۇلۇغچات يازغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-9-8 13:54:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قېرىنداش ئەدىبلىرىمىزنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئوتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2015-9-8 23:05:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتمۇ كۆڭۈللۈك بولغۇسى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-9 00:44:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنباسار رەئىسى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىروففېسورى،شىنجاڭ «ماناس» تەتقىقات مەركىزىنىڭ يېتەكچىسى مامبەتتۇردى جەنۇبى تاغدىكى ئىجادىيەت بازىسىغا كېلىپ كۇرسانتلارغا لېكسىيە سۆزلىدى.
پىروففېسور مامبەت تۇردى ئەپەندىنىڭ لېكسىيەسى جۇڭگو قىرغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى ژانىرلار بويىچە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى،جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىيات نەزەرىيەلىرىنىڭ قىرغىز ئەدەبىياتى بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشى،غەرپ ئەدەبىياتى بىلەن شەرق ئەدەبىياتىدىكى پەرقلەر،شېئىرىيەتتىكى فىلوسوفىيىلىك تەپەككۇر ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىدىن ئۆرنەكلەر،ئەدەبىياتنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولى،نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايرىم رومانلار ھەققىدىكى ئوقۇرمەنلىك كۆز قاراشلار،ئەدەبىياتتىكى باش قەھرىمان ئوبرازىنى يارىتىش مەسىلىسى قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە سۆزلىنىپ كۇرسانتلارنىڭ مەنىۋى ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى.
پىروففېسور مامبەتتۇردى ئەپەندى قىرغىز ئەدەبىيات ساھەسى ئۈچۈن پات يېقىندا قىلماقچى بولغان تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشتىن كۇرسانتلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.بىرىنچىسى،«ئەدەبىيات نەزەرىيەسى» ناملىق كىتاپنى ئورۇس تىلىدىن قىرغىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشى پات ئارىدا قولغا ئېلىنىدۇ.ئىككىنچىسى،قىرغىزىستانلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مۇختار بوربۇغۇلۇفنىڭ «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى» ناملىق كىتاۋىنى جۇڭگو قىرغىز يېزىقى بىلەن نەشىر قىلدۇرۇش ئىشى قولغا ئېلىنماقچى.ئۈچىنچىسى،نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن قىرغىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش.
مامبەتتۇردى ئەپەندى لىكسىيە ئاخىرىدا كۇرسانتلار سورىغان تۈرلۈك سۇئاللارغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىپ كۇرسانتلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس تەسىراتلارنى قالدۇردى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-9 01:35:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xx (1).jpg xx (4).jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-9 01:42:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xx (5).jpg xx (6).jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-9 01:45:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xx (3).jpg xx (2).jpg xx.jpg

ۋاقتى: 2015-9-9 05:04:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالامەت ئ‍ابلىمىت قاتارلىق شائىرلارغا ئ‍ۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2015-9-9 14:09:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىنزات يوللىغان ۋاقتى  2015-9-8 12:41
قىرغىز يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، جەنۇبىي ...

     قىرغىز ئاپتورلارنىڭ سېمنارىيەسىگە ئۇتۇق تىلەيمەن، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئوبزۇرچى-مامبەت تۇردىغا ئامانلىق يار بولغاي!

ۋاقتى: 2015-9-9 21:12:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىزلىنىشلىرىغا بەركەت يار بولسۇن .

ۋاقتى: 2015-9-9 21:50:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىپلرىمىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-11 00:54:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركېش قۇرمانبەك جەنۇبىي تاغدىكى ئۇلۇغچات ناھىيە قەلەمكەشلىرىگە لېكسىيە سۆزلىدى.




295c7e56169b08b.jpg

ۋاقتى: 2015-9-11 01:18:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانباي: ‹‹ئىككىنچىسى، قىرغىزىستانلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مۇختار بوربۇغۇلۇفنىڭ «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابىنى جۇڭگو قىرغىز يېزىقى بىلەن نەشىر قىلدۇرۇش ئىشى قولغا ئېلىنماقچى››

دېھقانباي، قىرغىز يېزىقى نەچچە خىل؟ <<جۇڭگو قىرغىز يېزىقى >> بىلەن <<قىرغىزىستان قىرغىز يېزىقى>> نىڭ پەرقى نەدە؟  قىرغىز قېرىنداشلار ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى ئەللەردە ئوخشىمىغان يېزىقلارنى قوللىنامدۇ؟ مۇشۇ توغرىدا ئۇچۇر بەرسىڭىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-11 07:39:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2015-09-11 01:18:25
دېھقانباي: ‹‹ئىككىنچىسى، قىرغىزىستانلىق

تارال،راست مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرمەپتىمەن،ئۆزرە.
دىيارىمىزدىكى قىرغىز ئۇلۇسلىرى ئەرەپ ئېلىپبەسىدىكى قىرغىز يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.ئەمدى قىرغىزىستاندىكى قىرغىزلار بولسا قىرغىز تىلىنى ئىسلاۋىيان يېزىقى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.دىيارىمىز قىرغىزلىرى مۇتلەق ئاز ساندىكىلىرى ئۇ يېزىقنى بىلسىمۇ،يەنىلا ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئۆزىمىزنىڭكىگە ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ۋاقتى: 2015-9-11 09:01:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداش ئەدىبلىرىمىزنىڭ سىمنارىيەدىكى پائالىيەتلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش