يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

يىپەك يولى ئەدەبىيات سەپىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-18 12:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈ جەن (徐剑)- ئىككىنچى توپچى قىسىم ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى. 1958-يىلى تۇغۇلغان. ئەدەبىي ئاخپارات يازغۇچىسى. «بەش بىر قۇرۇلۇشى مۇكاپاتى»، «ئازاتلىق ئارمىيە ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»، لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن«مېكىماخۇن سىزىقى»، «چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولى»، «جۇڭگودىكى سۇ ئاپىتى»، «دۆلەت شەمشىرى» قاتارلىقلار بار.

tt 769.JPG

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-18 12:29:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېن يىڭسۇڭ (陈应松)- خۇبېي ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى. 1956-يىلى تۇغۇلغان. بىر نۆۋەت «لۇشۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. «ئوۋچى چوققىسى»، «ئۇپۇققا بېرىپ ھوسۇل يىغىش»، «زۇۋانسىز كەنت» قاتارلىق رومانلىرى، «مەخلۇق»، «گالۋاڭ باھار»، «چېن يىڭسوڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، «كوچىدىكى ماتروس»، «قەستلەپ ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئەۋلادى» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلاملىرىدىن بولۇپ 30 پارچىدىن ئارتۇق كىتابى نەشر قىلىنغان.

tt 340.JPG

ۋاقتى: 2015-8-18 12:35:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار ھەم تېز ىەم سۈپەتلىك يازىدىكەن. يىلىغا نەچچىدىن كىتاب يازسىمۇ پاخال ئەسەرلەرنى يازمايدىكەن. شاگرت بولۇپ ئۆگنىۋالغىلى بولسا-ھە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-18 12:44:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ليۇ جەندوڭ (刘建东)- خېبىي ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. 1967-يىلى تۇغۇلغان. «خېبىي ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى تۆت ئەزىمەتنىڭ بىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئىككى نۆۋەت «خېبىي ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «شايىپەتتا»، «ئون سەككىز پالاق»، «ئايال ھىدى» قاتارلىق رومانلىرى، «تۇيغۇ بىسى»، «كېچىدە چېپىپ يۈرۈش»، «قەلب ھەسەلدىن تاتلىق» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلاملىرى بار.

tt 591.JPG

ۋاقتى: 2015-8-18 13:02:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئۈزۈلمىگەي

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-18 13:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇ مىن  (鲁敏)- جاڭسۇ ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. 1973-يىلى تۇغۇلغان. «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»، «جۇاڭ جوڭۋېن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇھىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «ئۈزۈك»، «سۆيگۈ ئۇرۇشىدا غالب يوق»، «ئالتە كىشىلىك كەچلىك تاماق» قاتارلىق رومانلىرى، «ئاق رومال»، «ئەينەكتىكى ئاچا-سىڭىل»، «ئەر سۇ، ئايال ياغ»، «سولخاي»، «كۈندۈز كېچىنىڭ دەردىنى بىلمەيدۇ»، «بۆشۈكتىكى يالغانچىلىق» قاتارلىق پوۋېست، ھېكايىلىرى بار.

tt 378.JPG


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-18 13:19:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما جىنلەن(马金莲) (خۇيزۇ) - نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. 1982-يىلى تۇغۇلغان. «ھۇپپىدە ئېچىلغان چىغىرتماق گۈلى» ناملىق تۇنجى رومانى مەملىكەتلىك «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا، «ئۇزۇن ئېقىن» ناملىق پوۋېستى بىلەن 2013-يىللىق مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پوۋېستلارنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «دادامنىڭ قارلىق دالاسى»، «قۇراق ئايال» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.

tt 344.JPG




ۋاقتى: 2015-8-18 13:24:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما جىنلىيەن(خۇيزۇ)، لۇمىن قاتارلىق ئايال ئەدىبلەرنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى ئوقۇپتىكەنمەن. لۇمىن خانىم 70-يىللاردىن كېيىن يېتىشىپ چىققان «ئۈچ يولۋاس» نىڭ بىرى(70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۈچ مۇنەۋۋەر ئەدىب:شۈ زىچىن ، ۋېي ۋېي، لۇمىن قاتارلىقلاردۇر). ئۇنىڭ 5- نۆۋەتلىك لۇشۈن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ھەمراھ» (بۇ ئېسىىل ھېكايە ئۆمەرجان ئامۇت تەرىپىدىن «ئىشتەي نەغمىسى»دەپ تەرجىمە قىلىنىپ مىللەتلەر بئەدەبىياتىدا ئېلان قىلىنغان)دېگەن ھېكايىسىنىڭ تەمى ھېلىمۇ بار. بۇ يازغۇچىلارنىڭ مۇبارەك قەدىمى ئۈزۈلمىگەي!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-18 13:25  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-18 13:31:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تې ليۇ (铁流)- چىڭداۋ شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى. 1968-يىلى تۇغۇلغان. «بىر ئەسكەر ۋە ئۇنىڭ تەقلىدى ئۇرۇش مەيدانى» ناملىق ئەدەبىي ئاخپاراتى مەملىكەتلىك «ئەدەبىي ئاخپارات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. «كەنت سېكرىتارى ۋە ئۇنىڭ كەنتى» ناملىق ئەدەبىي ئاخپاراتى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يىللىق ئەدەبىي ئاخپارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «مومامنىڭ ھېكايىسى» ناملىق پوۋېستى «دېڭىز ئارمىيەسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. «تې ليۇ ھېكايىلىرىدىن تاللانما»، «تې ليۇ ئەدەبىي ئاخپارات ئەسەرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان.

tt 383.JPG

ۋاقتى: 2015-8-18 13:44:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىدىن بۇرۇن كۆرمىگەن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنسا كۆرمىسە بولمايدىغان بىر تۈركۈم مۈنەۋەر ئاپتورلانىڭ ياخشى كىتابلىرىنىڭ ئۇچۇرى بىلەن ئۇچراشتىم.  ئەدەبىيات مۇھىتىمىزدا بۇ كەبىي ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرشۇشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ھەممىمىزنىڭ تەپەككۈرىگە يېڭى قان بەخش ئەتكۈسى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-18 13:45:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاڭ مېييىڭ  (王妹英)- شەنشى ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى. 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان. «قۇتلۇق تاغ» قاتارلىق رومانلىرى، «مىڭ كېچە» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. مەملىكەتلىك «بەش بىر قۇرۇلۇشى مۇكاپاتى»، «ئوردۇس ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «ھېكايىلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك «ئالتۇن نەسر مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇھىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

tt 348.JPG


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-18 14:06:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما شاۋشاۋ (马萧萧)- لەنجو ھەربىي رايونى «غەربىي شىمال ھەربىي ئىشلار ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى. 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان. 13 يېشىدىن باشلاپ شىئېرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 16 يېشىدا مەملىكەت بويىچە 10 مەشھۇر ئوقۇغۇچى شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى مەملىكەت بويىچە ئون مەشھۇر ھەربىي شائىرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇ ھازىرگەنسۇ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ 1-دەرىجىلىك توختاملىق يازغۇچىسى.ئۇ كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ھازىرغىچە «ما شاۋشاۋ شىئېرلىرىدىن تاللانما»، «ئۆسمۈر شائىر ما شاۋشاۋ شىئېرلىرى»، «گۈزەللىكىڭىزگە رەھمەت» قاتارلىق 10 پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان.

tt 548.JPG

ۋاقتى: 2015-8-19 14:23:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «يىپەك يولى ئەدەبىيات سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ ئوتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلغانلقىدىن مەمنۇن بولدۇم. بەي گېڭشىڭ مۇئەللىمنىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا سۆزلىگەن رەڭلەر تىلسىمى  ھەققىدىكى مول مەزمۇنلۇق دەرسى مېنىڭ رەڭلەرگە بولغان چۈشەنچەمنى چوڭقۇرلاشتۇرغان ھەم مېنى چوڭقۇر ئويغا سالغان ئىدى. ئۇنىڭ دىيارىمىزدا زىيارەتتە بولغانلىقدىن خەۋەر تېپىپ قەۋەتلا سۆيۈندۈم. مۇشۇنداق ئەھمىيىتى زور پائالىيەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئەجىر سڭدۈرگەن بارلىق جاپاكەشلەرنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن!  

ۋاقتى: 2015-8-19 16:41:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇ ئەپەندى :
سىز خەنزۇچە ئەسەرلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىسىز،بولسا ئۆزىڭىزگە يارىغان بۇ ئاپتۇرلارنىڭ
ئىچىدىكى ياخشى ئەسەرلەرنى خەنزۇچە نامى بىلەن قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟
ئۈرۈمچىنىڭ قايسى كىتابخانىسىدا داڭلىق خەنزۇچە رومانلارنى تاپقىلى بۇلىدۇ؟ بولسا كىتابخانا
ئادىرىسىنى ،قايسى ئابتۇبۇسقا چىقسا بارغىكى بۇلىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىڭىز؟

ۋاقتى: 2015-8-19 23:23:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەپەرنىڭ مۇئاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىغا تىلەكداشمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش