بۈگۈن چۈشتىن كېيىن خوتەن ئەدىبلىرىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى بىر ھەپتىلىك ئىجادىيەت كۇرسى بارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى تاماملاپ ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتى. بىر ھەپتە جەريانىدا خوتەن ئەدىبلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان لېكسىيەلەرنى ئاڭلىدى. ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ژۇرناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى بىلەن سۆھبەت، تەلقىنلەردە بولدى. ئۆزىلىرى مۇشائىرە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئالماشتۇردى. بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ پىيادە يۈرۈش، تاغقا چىقىش قاتارلىق ساغلاملىق پائالىيەتلىرىدە بولدى.
|