يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: huxhuy

خۇشخۇي: يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىر بىلەن سۆھبەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-7-28 20:51:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىماپلا ئاكا، گەرچە كۆرۈشمىگىنىمىزگە 10يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، مەن كۆرۈشكەن پېتى تۇرغاندەكلا ھىس قىلدىم... نېمىشقىكىن، ھەر قېتىم سىلىنىڭ سىماھلىرىنى كۆرگەندە، مەرھۇم يۇرتدىشىم، سىلىنىڭ ساۋاقداش-قەلەمداش دوستلىرى،ھازىر....ئۇنتۇلغان شائىر ئەرشىدىن راشىدىن ئاكام كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ.
ئىككىيلەننىڭ تۈگىمەس پاراڭلىرى،كۆڭۈللۈك چاقچاقلىشىپ تۇرغان دەملىرىنى كۆزلىرىمگە ياش ئولاشقان ھالدا خىيال قىلىمەن.
ئاللاھ ئىگەم تەنلىرىگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي.توغراق يېشىدا ياشاپ، ئىختىرا قىلغايلا ئاكا!

بۇ تېمىنى يوللاش ئارقىلىق  ماڭا ئابدۇقادىر ئاكام بىلەن ئېكران يۈزىدە بولسىمۇ بىر  قېتىم دىدارلىشىش پۇرسىتى ئاتا  قىلغان خۇشخۇي ئاكىمىزغا كۆپ رەھمەت! ئامان بولغايلا!

ۋاقتى: 2015-7-28 22:33:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى نەچچە ئاي ئىلەىرى خۇشخۇي ئاكىنىڭ ئۆيىدە ئابدۇقادىر سادىر ئاكام بىلەن  بىللە ئولتۇرۇپ كۆرگەن ئىدىم. ئۇستازنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئىزچىللىقى ۋە كەمتەرلىكى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2015-7-28 23:13:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرقەت يوللىغان ۋاقتى  2015-7-28 19:03
مېنىڭچە بىلىدىغانلىرى كۆپەيگەنسېرى ئادەم شۇنداق «يا ...

ئۇ ياۋاشلىق مەن كۆرگەن ياۋاشلىقتىن پەرقلىنىدۇ……

ۋاقتى: 2015-7-28 23:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈفىي يوللىغان ۋاقتى  2015-7-28 23:13
ئۇ ياۋاشلىق مەن كۆرگەن ياۋاشلىقتىن پەرقلىنىدۇ……

ئەمىسە ئىككىمىزنىڭ كۆرگىنى باشقا-باشقا بولسا كېرەك!

باھا سۆز

شۇنداقكەن.  ۋاقتى: 2015-7-29 07:24 PM
ۋاقتى: 2015-7-28 23:57:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-7-29 00:06:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ تېنىگە سالامەتلىك يار بولغاي...

ۋاقتى: 2015-7-29 12:46:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىركامنىڭ غەزەللىرىگە ئامراق مەن. ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيتىگە يەنىمۇ زور ئۇتۇق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-7-29 19:42:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمىنىنى كۆڭۈل قاتلىرىدا ساقلاپ، قەلەمداشلىق ۋە دوستانىلىقنىڭ غايىبانە بارىگاھىدا ياد ئېتىپ كەلگەن بارلىق ئەزىزلەرگە ئالى ئېھتىرامىم يەتكەي! ھەممىلىرىگە بەىت- ئامەت ۋە ئەمىن- ئامانلىق يار بولغاي!!

ۋاقتى: 2015-7-30 00:16:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفوندا تورغا چىقىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن فىلىمنى كۆرەلمىگەن بولساممۇ،بۇ تېما ئارقىلىق ئابدۇقادىر سادىر ئاكىغا سالىمىم يەتسە ئىكەن دەپ ئىنكاس يازغۇم كەلدى،چوقۇم شارائىت تېپىپ كۆرۈپ چىقىمەن.ئابدۇقادىر سادىر ئاكىنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،ئاكىمىزغا ھۆرمىتىم زور،گەرچە بىرلا قېتىم كۆرۈشكەن بولساممۇ بۇ كىشىنىڭ تەمكىن،ئېغىر-بېسىق سىيماسى ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.ئاكىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە تىنچ-ئامانلىق يار بولسۇن!سىلىگە سېغىنىشلىق سالام ئاكا! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دېھقانباي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-30 00:22  


ۋاقتى: 2015-7-30 15:00:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
a.sadir يوللىغان ۋاقتى  2015-7-29 19:42
كەمىنىنى كۆڭۈل قاتلىرىدا ساقلاپ، قەلەمداشلىق ۋە دوستا ...

  ئالتۇن بويلىرى ئامان، تەنلىرى سالامەت بولسۇن!  خۇشخۇي ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت! مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سىن فىلىملىرى بىلەن كۆپراق ئۇچرىشىپ تۇرساق دەيمەن! پاسئان سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نادىر فىلىملەرنى مەيدانغا چىقىرىشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2015-7-30 18:25:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز يازغۇچى ، شائىر ئابدۇقادىر سادىر ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىجادىغا بەرىكەت تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2015-8-3 23:46:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئورۇنغا كىرىپتۈمەن بەكمۇ كىچىكىپ،
كۆرۈپ چىقتىم سۆھبەتنى مەن قىزىقىپ.
ئا.سادىرنىڭ ئېجات -مىھنەت بىغىدىن،
چىقىپ تۇرار كۈندە موڭلۇق كۈي ئىقىپ.

فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە يوللىغۇچىغا رەخمەت، پاسئان ئىكرانى مولھوسۇللۇق  كۈيلەرگە جۈر بولغاي!

ۋاقتى: 2015-8-4 01:30:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ ئەزىز تېنىگە ساقلىق، قەلىمىگە چاقماق يار بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش