كۆرۈش: 865|ئىنكاس: 0

ئەخمەتجان مەتقۇربان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
162714wowz5cf8ubucbzmf.jpg
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)، 1971 – يىلى 6- ئايدا چىرا ناھىيەسىدە زىيالى  ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1991- يىلى 7- ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە قاتناشقان. ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ چىرا ناھىيەسىنىڭ نۇرى يېزىلىق ۋە چىرا بازارلىق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. ھازىر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر مەركىزىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
   ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش) نىڭ ئىجادىي پائالىيىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا «ئاتەش زەنجىر»، «ئىزگۈ ئارمانلار» قاتارلىق ئىككى لىرىك داستانى، 400 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئەسەرلىرى، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، گۈزەلللىك، ئەنئەنە، ئىنسان تەبئىتى، تەبئىي مۇھىت زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن 1000 پارچىدىن ئارتۇق نادىر فوتو سۈرەت  ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ يەنە «چىرا ناھىيەسىنىڭ پەننىي مائارىپ تارىخى »، «قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى نۇر بۇلاق»، «ئانار يۇرتىدىكى ئۈمىد چېچەكلىرى»، «بوستاندىكى مەرىپەت بۆشۈكى»، «مەرىپەت گۈلدەستىلىرى»، «چاقار بوستانلىقىدىكى مەرىپەت بۇلىقى» قاتارلىق كىتاب، ژۇرناللارنىڭ سۈرەتلىرىنى تارتىش، خام ماتېرىياللىرىنى توپلاش، رەتلەش،  نەشىر قىلدۇرۇش  جەھەتتىمۇ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ، چىرا  ناھىيەسىنىڭ  ئەدەبىيات ـ سەنئەت، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشقان.   
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە چىرا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى، چىرا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات خادىمى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش