بۈگۈن 7-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان شىنجاڭ مائارىپ نەشرياتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى پەرھات ئىلياس بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەجىرىبىلىرى ئاساسىدا لىكسىيە سۆزلىدى.
لىكسىيەدە پەرھات ئىلىياس «كىرۇرانلىق بالىلار» ناملىق روماننىنىڭ يېزىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، ماتېرىيال توپلاش، قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەش قىستۇرما رەسىم سىزدۇرۇش... جەھەرلەردىكى تەجىرىبىسىنى نوختىلىق تونۇشتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن چەتئەل بالىلار ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنى سېلىشتۇرۇپ، بۇندىكىن كېيىنكى ئىجادىيەت يۆلىنىشىمىز ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتتى.
چۈشتىن كېيىن يازغۇچى، تەرجىمان تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق ۋە يازغۇچى مەھمۇت يولۋاسلارنىڭ يېڭىدىن يېزىلغان رومانلىرى ھەققىدە پىكىر ئېلىش مەقسىتىدە دوكىلات بەردى. بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ رومانلىرىغا قارىتا كورساتلار ئۆزىلىرىنىڭ قىممەتلىك پىكىر، تەكلىپلىرىنى بەردى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-8 22:24