كۆرۈش: 1315|ئىنكاس: 1

خېۋىر تۆمۈر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خېۋىرتۆمۈر  1922-يىلى توقسۇن ناھىيىسىنىڭ يىڭىمەھەللە دىگەن يېرىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كۇچار ، توقسۇن قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقىغان . 1939-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ توقسۇن ناھىيىسىدە ئۇقۇتقۇچىلق قىلغان.
1944-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى گېزىت -ژۇرناللاردا كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇ 1945-يىلى توقسۇندىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ، مەتبۇئات ئۇرۇنلىرىدا مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان .
ئازاتلىقتىن بۇرۇن ئۇنىڭ « بالا » ، « ئالدانغان چولپان » ،«تىنىچلىق » ، «يولۋاس ئۇخلاپ ياتتى » قاتارلىق ھېكايە داستانلىرى ئېلان قىلىنغان.
خېۋىر تۆمۈر پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىتنىڭ 3-ئومۇمى يىغىندىن كىيىن قايتىدىن قولىغا قەلەم ئېلىپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى ۋە «موللازەيدىن ھەققىدە قىسسە » ناملىق ئىككى توملۇق ئەسىرى ، «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە » ناملىق تارىخى قىسسىسى ، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم » ناملىق تەرجىمھال خاراكتىرلىق قىسسىسى ، « تاڭ ئالدىدا » ناملىق پوۋېستى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى بۇلاق مەجمۇئەسىدە « ئابدۇقادىر داموللا » ناملىق تارىخى ئوچېرىك ، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى دە « خدىسخان » ، « كۈلپەتلىك يىللار » ، قەشقەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىدا  « بىر مەيدان پۇت مۇسابىقىسى » ،« ياقۇپبەگ ۋە موللا مۇھەممەتيار خەلپە » قاتارلىق ئەسەرلىرى ، شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرنىلىدا « موللا زەيدىن » ناملىق كىنو سىنارىيىسى ، « ئىككى ئانا » ، « كەلدى باھار » ناملىق درامىلىرى ، تارىم ژۇرنلىدا « ئالتۇن ئەقىل » « سۈرەت » ، « ۋاقتىم يوق » قاتارلىق ھېكايەشېئىرلىرى ئېلان قىلىندى .خېۋىر تۆمۈر 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدە 70 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى .

  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-1 21:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېۋىر تۆمۈرنىڭ بىر قىسىم تارىخقا دائىر ماقالىلىرى بەك جانلىق، پاكىتلىق ۋە ئىلمىي يېزىلغان. بۇ جەھەتتە ئۇنى ھەم مۇنەۋۋەر تارىخچىمىز دېيىشكە بولىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش