مۇبارەك بولسۇن !
بۇ ھەقىقەتەن خۇشخەۋەركەن، بىزنى بۇ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىگە تەشەككۈر !
دوستۇم نۇرگۈلنىڭ بۇ ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىرگە سۇنغانلىقىنى بىلەتتىم، بۇ توپلامدىكى خېلى كۆپ ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ بولغان بولساممۇ بەزىلىرىنى ئوقۇش نېسىپ بولمىغانىدى شۇڭا بۇ توپلامىنى قاچان كۆرۈشكە نېسىپ بولاركىن دەپ ساقلاۋاتقانتۇق... مانا بۇ توپلاممۇ چىقىپتۇ.نۇرگۈلنىڭ قەلىمىگە تېخىمۇ بەرىكەت، ئىجادىيىتىگە يۈكسەك پەللە تىلەيمەن! كېيىنكى رومانلىرىنىڭمۇ پات پۇرسەتتە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نۇرگۈلنىڭ ئىجادىي ھاياتىدا گەرچە بىرەر ياردەم ياكى ئىجادىيىتىگە تۈرتكە بولالىغۇدەك تەسىرلەرنى كۆرسىتەلمىسەممۇ ئەمما ئۇنىڭ ئىچى پۈشقاندا،يېزىشتىن چارچىغاندا ياكى كەيپىياتى چېچىلغاندا ھامان بىر يەرگە كېلىپ قالىدىغىنىمىز ھەم بىر -بىرىمىزنى شۇنداق پۇرسەتلەردە ئىزدىشىپ ئاز-تولا كۈلكە-چاقچاقلىرىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى رۇسلايدىغىنىمىز ، كەيپىياتىمىزنى تەڭشەيدىغىنىمىز ئېنىق. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلىرى، يېزىش ئالاھىدىلىكى، جۈرئىتى، تىنىمسىز تىرىشچانلىقى،ئىزدىنىشچانلىقى، مۇھىمى بىر كۈنمۇ ئۆتكۈزمەي كىتاب ئوقۇپ تۇرىدىغان ئادىتى مېنى قايىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىزچىللىقى، يېزىشتىكى جاسارىتىگە ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمايمەن. ئاددىسى ئۇ قەلەم ئارقىلىق قايغۇنىمۇ كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ،ئارمانلىرىنىمۇ قەلەم ئارقىلىق رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ. ماڭا بەك تەسىر قىلغان بىر ئىشى : ھازىر قولىدا يېزىلىۋاتقان«يىلتىز» رومانىنى پۈتتۈرۈپ بولاي دېگەندە مەشغۇلاتتىكى سەۋەنلىك تۈپۈيلىدىن كومپىيۇتېردىن ئۆچۈرۈپ تاشلىنىپ، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ھېچبىر ئامالى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يەنە قايتىدىن يېزىپ چىقتى.بەلكى ئالدىنقى قېتىمقىسىدىنمۇ ياخشى يازدى.ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولسام چوقۇملا تېرىكىپ تاشلاپ قويغان بولاتتىم...مۇشۇ خارەكتىرى يەنى پۈتتۈرمىگىچە بولدى قىلمايدىغان جاھىل مىجەزى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. يەنە بىرى يېقىندا ئۇ بۇ دۇنيادىكى بىردىن-بىر يۆلەنچۈكى بولغان مېھرىبان ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ كۆپ ئازاپلانغان بولسىمۇ ،ئەمما قەلەمدىن «سەۋىر» تاپتى. قەلەم ئارقىلىق ئازاۋىنى يېنىكلەتتى...بۇلارنى نۇرگۈلنىڭ قولىدىنلا كېلىدىغان بىر روھمىكىن دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن بەزىدە... دېمەك ئۇ تىرىشچانلىقىغا خاس ھالدا ئەمگىكىنىڭ مىۋىسىنى كۆردى ھەم كۆرىۋاتىدۇ... بىزمۇ ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنىڭ ھېكايە، پوۋىست،رومانلىرىدىن بەھىر ئېلىپ كېلىۋاتىمىز .
|