كۆرۈش: 1361|ئىنكاس: 0

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
无标题.jpg
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1964 - يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى  چەرچەن ناھىيىسىنىڭ جانداتېرىم كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1980 - يىلى چەرچەن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1985 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، كورلىدا چىقىدىغان «كروران»(سابىق «بوستان») ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى،  ئالىي مۇھەررىر. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1982 - يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن شېئىرلىرى «تۇنجى تارىم مۇكاپاتى»،«ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى»،«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بېيجىڭدا چىقىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا، ئىككى پارچە شېئىرى ئۆزبېكىستان «تاشكەنت ھەقىقىتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئابلىز ھېزىموۋ، مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن 2008 – يىلى قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارى»(بۇنىڭغا 60 قا يېقىن شائىرنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئاپتورنىڭ سىزما رەسىمى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلگەن) ناملىق چوڭ ھەجىملىك توپلامغا 11 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. «بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر» قاتارلىق ئالتە پارچە ئەسىرى يېڭىدىن تۈزۈلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «باشئەگىم سۆيگۈسى»،«قارا يۇلغۇن چېچەكلىرى»،«ئۆلمەس كۈيلەر» ناملىق بەدىئىي سىنارىيىلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان.
1991 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «باشئەگىم نەزمىلىرى» ناملىق شېئىرلار  توپلىمى، 1993 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قەبرىدىكى پالۋان» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1995 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قېرىماس ئانا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2004 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۆيۈك مەڭگۈ تېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە 2004 -  يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇھەببەت كارىدورى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى  نەشىر قىلىنغان. 2013-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش