مەستۇرە0 يوللىغان ۋاقتى 2015-4-18 20:22
يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغاننىڭ نېمە پايدىسى با ...
ئەينى يىللاردا مەنمۇ قەلەمكەشلەردىن مۇشۇ ئىككى سۇئالنى سورىغان، كېيىنكى سۇئالىڭىزغا ئېرىشكەن جاۋابىم؛ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ژۇرناللارنىڭ ھەر-بىرىدە كەم دېگەندىمۇ بەش - ئون پارچىدىن ئەسەر ئېلان قىلدۇرغان بولۇشى شەرت!!! شۇنىڭ بىلەن كىچە-كۈندۈز ئۇخلىماي ئۆگىنىپ ،يېزىپ ، ئېلان قىلدۇرۇپ دېگەندەك ئاخىرى ئەزا بولۇشقا شەرت ھازىرلىغان ئىدىم. ئېھتىمال ئەينى يىللاردا ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئۆزۈم دىمەتلىكلەردىن تۇنجى ئەزا بولغۇچى مەن بولسام كېرەك.
قانداق پايدىسى بارلىقىغا كەلسەك؛ ئون ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئاپتونۇم رايوندا ئېچىلغان بىر ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنىدا ھەربىر يۇرتتىن بىردىن ئون نەپەر قەلەمكەش «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» ئىدارىسىگە تەكلىپ قىلىنىپ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ، تەكلىپ بېرىش جەريانىدا بىر قەلەمدىشىمىز «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەزالىق كىنىشكىسىنىغۇ ئالدۇق، بىراق ھىچ پايدىسىنى كۆرمىدىم. ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولۇپ قېلىپ پارچە پۇل بولماي قالسىغۇ بەش موچەنلىكمۇ يۈزى يوق، باشقا كەسىپتىكىلەر كىنىشكىسىنى چىقىرىپ ئىش بېجىرەلىگەن بىلەن مەن بۇ كىنىشكىدا كوچا ئاپتۇبۇسىغىمۇ بىكارغا چىقىپ باقمىدىم،دەپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرگەن...
ئەمەلىي گەپكە كەلسەك بۇ كېنىشكىنىڭ سىزگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ رولى ، خەلقنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىز ئۈچۈن تىرىشىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يازغۇچىلار جەمئىيىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە تەكلىپ ئەۋەتسە قاتنىشىش ھوقوقىڭىز بولىدۇ. (بۇغۇ بەك چوڭ ھوقۇقمۇ ئەمەس،قەلىبداشلار بىلەن دىدارلىشىپ پىكىرئالماشتۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا)يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ بولالمىغان، ئەمما ئەسەرلىرى، ئەخلاقى بىلەن ئاۋامنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسا ئوخشاشلا ئۆز جايىدىكى ۋە ھەرجايدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىگە ئوخشاشلا تەكلىپ قىلىنىشى مۇمكىن.
ئەمما ھازىر مېنىڭ چۈشەنچەمدە يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن يېزىقچىلىققا بولغان قىزىقىش بىلەن 320 يۈەن خەلق پۇلى ، بىر تۇنۇشتۇرغۇچى ۋە بىر پارچە ئىلتىماس بولسا بولىدىغاندەك...