كۆرۈش: 1074|ئىنكاس: 0

ئايمۇھەممەت ساھىبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئايمۇھەممەت ساھىبى 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قاراقاش ناھىيسىنىڭ قوچى يېزىسى غەزەل كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1985- يىلى خوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى، 1998- يىلى ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈپ شىنجاڭ ئونۋېرېستېتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1985-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە قاراقاش ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، قاراساي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن، 1991-يىلىدىن 2000- يىلىغىچە قاراقاش ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بۇلۇپ ئىشلىگەن، 2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە تۈۋەنگە چۈشۈپ قاراقاش ناھىيسىنىڭ كاۋاك يېزىسى ئاياغ ھاجىېغىل كەنتنىڭ سىكىتارى بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2002-يىلىدىن 2007-يىلى 3-ئايغىچە يەنە قاراقاش ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2007- يىلى 3- ئايدىن بۇيان قاراقاش ناھىيلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىر لەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بۇلۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
      ئايمۇھەممەت ساھىبى 1984-يىلى ‹‹يېڭى قاشتېشى›› ژورنىلىنىڭ شۇ يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئىرادە ھەققىدە›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن بۇلۇپ، شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ‹‹تارىم››، ‹‹ يېڭى قاشتېشى›› قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېسىت، نەسىر، ئەدەبىي ئاخپارات ئەسەرلىرى، بىر بۆلۈك شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2000- يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن ‹‹ھالاكەت سىرتمىقى›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، 2000-يىلى ۋە 2004-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن ‹‹كوئىنلۇن بۈركۈتى ھەققىدە قىسسە›› ناملىق ئەدەبىي ئاخپارات ئەسىرى، ‹‹ بىرنى بىر دىگۈلۈك›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ‹‹ساۋاپ››، ‹‹يولدىكى مۇھەببەت›› قاتارلىق بەش پارچە ھېكايىسى ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ‹‹تونۇردا››، ‹‹يۈك›› ناملىق ئىككى پارچە ھېكايىسى، ‹‹ھارۋىكەش ناخشىسى›› ناملىق پوۋېستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 6- ، 12-، 17- نۆۋەتلىك ‹‹خانتەڭرى ئەدەبيات مۇكاپىتى›› غا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ‹‹تارىم›› ژورنىلىنىڭ 555 سان نەشىر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ژورنالنىڭ ‹‹تۆھپە مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن. ئايمۇھەممەت ساھىبى ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قاراقاش ناھىيلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، سىياسى كېڭەش قاراقاش ناھىيلىك 11-، 12- نۆۋەتلىك كومېتېتىنىڭ ئەزاسى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش