يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق: ھەركەت ئەگرىلىكى ۋە تەدبىقلىنىش دائىرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-4 11:12:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلاسسىك قاراشلاردا زەرەتسىز،ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىغان زەررىچىلەردە خالىل ئىففىكىتى يۆز بەرمەيدۇ،دەپ قارىلىپ كەلگەن.ھالبۇكى،2015-يىلى4-ئاينىڭ  4-كۈنى «فىزىكلار ئورگىنى»تورىدا«New experiment reveals clues to their discontent»(يېڭى تەجىربە تەجىربە قىلغۇچىلارنى مەمنۇن قىلالمايدىغان نەتىجىنى كۆرسەتتى)سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.ماقالىدە زەرەتسىز،ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىغان زەررىچىلەردىمۇ خالىل ئىففىكتى يۆز بەرگەنلىگى تەجىربىدە بايقالغانلىغى خەۋەر قىلىنغان.
مەن 2014-يىلى 7-ئايدا «مىكرو دۇنيادىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش» ماۋزۇلۇق يازما يېزىپ،ھەقىقى بوشلۇقتا ،تاشقى كۈچ تەسىرى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ 29-ئېغىشنىڭ يۆز بېرىدىغانلىغىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە بۇنداق ئېغىشقا ئالاقىدار بەزى تەجىربە نەتىجلىرىنى تونۇشتۇرغان ئىدىم.بۇ قېتىمقى بايقاش مىنىڭ تەشەببۇسۇمنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەجىربە پاكىتلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

خالىل ئىففىكىتى (Hall effect)ئۆتكۈزگۆچلەر ماگىنىت مەيدانىغا قويۇلۇپ  توك ئۆتكۆزۈلسە،ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتىۋاتقان زەرەت توشۇغۇچى زەررىچىلەرنىڭ لورىنتىس كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئېغىشىدىغان،بۇ جەرياندا ئىلىكتىر بىسىمى(خالىل ئىلىكتىر بىسىمى)پەيدا قىلىدىغان ھادىسىدىن ئىبارەت.

بىز ماكرۇ جىسىملاردا بىر قانچە خىل تەجىربىلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق 29-ئېغىشنىڭ تاشقى كۈچ تەسىرى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ يۆز بېرىدىغانلىغىنى،شۇنداقلابۇنداق جىسىملارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىش يۆنىلىشىگە بىسىم پەيدا قىلىدىغانلىغىنى بايقىغان ئىدۇق.4-ئاپىرىلدىكى يۇقۇرقى خەۋەر ۋە ئىلگىرىكى ئالاقىدار بايقاشلارنىڭ ھەممىسى ماكرۇ دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنيادا ھەركەت شەكلى نۇقتىسدا پىرىنسىپال پەرىقنىڭ يوقلىغىدىن،كىلاسسىك فىزىكا بىلەن كۋانىت فىزىكىسىنى ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن بىرلىككە كەلتۆرۈشنىڭ مۆمكىنلىگىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ.

___ قاسىم سىدىق

2015.4.4

پايدىلىنىش:




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-4 11:58  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-4 11:37:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەھرىرلەندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-4 11:37  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-6 09:11:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەر شارىغا تەسىر قىلىدىغان تاشقى كۈچلەر


بىز ماياتنىك تەجىربىسىدە ھېساپلاش ئارقىلىق كەلتۆرۆپ چىقارغان 29-تىئورمىچەئېغىش كۈچىنى كىلاسسىك نەزەريىلەردە قەيىت قىلىنغان يەر شارى ئۇچرايدىغان قوياشنىڭ تارتىش كۈچىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ئېغىش كۈچى پەۋقۇلئاددە چوڭ بولۇپ چىقىۋاتىدۇ.شۇڭا يەر شارى ئۇچرايدىغان تاشقى كۈچلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ۋە ئۇلارنىڭ پارامىتىرلىرىنى تۇرغۇزۇش زۆرۆر ئىكەن دەپ قارىدۇق.بۇ كۈچلەرنىڭ يۆنىلىشى قوياشنىڭ تارتىش كۈچى يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتىكى كۈچلەر،ياكى ئېغىش كۈچى يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتىكى كۈچلەر بولىشى كىرەك.
ئالەملىك تارتىش كۈچىدىن باشقا يەر شارىغا تەسىر قىلىدىغان يەنە قانداق تاشقى كۈچلەر بار؟.
ھازىرچە بۇنداق كۈچلەردىن نەزەرگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرى:
1.قوياش نۇرىنىڭ يەر شارىغا بولغان بىسىم كۈچى.
2.قوياش بورىنى.
3.ۋەھاكازالار.
بۇ تېما ئاستىغا شۇنداق كۈچلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار توپلىنىدۇ.

مەنبە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum ... =1&extra=#pid194270


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-6 13:25:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-4-6 09:11
يەر شارىغا تەسىر قىلىدىغان تاشقى كۈچلەر


نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى 1684-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان.يورۇقلۇقنىڭ بىسىم كۈچى ئۇقۇمى بولسا 1748-يىلى  شىۋىتسارىيىلىك ماتىماتىك،تەبىئەت پەنلىرى ئالىمى  لېئونخارد ئئولېر (Leonhard Euler ,1707年4月15日~1783年9月18日)تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.دىمەك،نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ،پىلانىتلار ھەركىتگە تەدبىقلىغاندا يورۇقلۇقنىڭ بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ ئامىلنى ئويلاشمىغان.ھازىر ئامرىكىدا يورۇقلۇقنىڭ بىسىم -ئىتتىرىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئالەم بۇشلۇغىدىكى ئۇچارلارنى ھەركەتلەندۆرۆش لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.يەر شارىنىڭ بىر يۆزى ئىزچىل ھالدا قوياشتىن كەلگەن يورۇقلۇقنىڭ بىسىمىغا ئۇچرىشى ئېنىق.بۇ بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىنىڭ چامىسى قانچىلىك؟بۇنى ھېساپلاپ كۆرۈش كىرەك.يەنە بىر نۇقتا ئېنىقكى،بۇ كۈچنىڭ يۆنىلىشى تارتىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن قارمۇ-قارشى.بۇ كۈچ نەزەرگە ئېلىنساۋە ئونىڭ قىممىتى ھەقىقەتەن 0دىن چوڭ بولسا، تارتىش كۈچى دېيىلىپ كېلىۋاتقان كۈچنىڭ ھازىر دېيىلىۋاتقان قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغى تۇرغانلا گەپ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-7 09:15:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈيۈق كىرىستالدا سىفرال ئېشىلگەن ئىلىكتىرۇن دەستىسى زاھىر بولدى

液晶螺旋扭曲的电子束显示
2015年4月6日



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-9 09:47:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ تىمىدا 29-تىئورمىغا ئالاقىدار ۋە پايدىلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلار بارئىكەن:

تارتىش كۈچى ۋە ئانتى تارتىش كۈچى
Gravity and antigravity
引力和反引力

Fig.2.7 One of Eric Laithwaite’s gyroscope demonstrations. The top isspinning at 2000 revolutions per minute and is rising quite rapidlyup a helical path.3
图2.7一埃里克莱思韦特的陀螺仪的示威游行。陀螺在旋转每分钟2000转,上升较快的一个螺旋形的路径。3


تەپسىلاتى بۇ يەردە:
http://blog.sina.com.cn/s/blog_655ab2c90100s19z.html



ۋاقتى: 2015-4-9 12:36:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ مۇنبەردىكى ‹‹ئاتالمىش›› يازغۇچى.، شائىرلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىنكاس قايتۇرالماپتۇغۇ

  سىز «ئاتالمىش» ئەمەس بولغاندىكىن، تۈزۈكرەك ئىنكاس قايتۇرسىڭىز بولمامدۇ؟  مۇنبەردىكىلەرنىڭ  ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق تېمىلارغىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارامسىز؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-7 09:56:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HATS-6b_ نى 29-تېئورېمىنىڭ ئاستىرونومىيىدىكى ئىسپاتلىرىنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدىغاندەك قىلىدۇ.چۈنكى بۇ سەييارە ئوربىتىدا ئىنتايىن تېز ئايلىنىدىكەن ۋە ئانا يولتۇز تەرەپكە قاراپ سىلجىغان،ھازىر بۇنداق سىلجىشنى چۈشەندۆرىدىغان نەزەرىيە يوق  دەپ قارىلىدىكەن.29-تېئورىما ۋە ئۇنىڭ تەجىرىبە ئاساسلىرى بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۆرەلەيدۇ.

我们的研究认为HATS-6b之所以距离母恒星较近,是因为它发生了轨道迁移,即HATS-6b从外侧轨道迁移至内侧,但我们目前的理论仍然无法对其进行解释。本项研究论文发表在《天文学》杂志上

يەنە پايدىلىنىش:
ئاۋىسترالىيە دۆلەتلىك ئونۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جورج دوكتورنىڭ قارىشىچە، HATS-6 سېستىمىسى كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك بولغان ئاسمان جىسىملىرى سېستىمىسى، ئەمما ئۇنىڭدا ھەجمى يۇپىتېرغا يېقىنلىشىدىغان دەرىجىدىن تاشقىىرى يۇلتۇز بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوربېتا ئارىلىقى HATS-6غا ئىنتايىن يېقىن. بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزدا HATS-6b تۇرغۇن يېقىن يۇلتۇزغا يېقىن بولغاچقا ئۇنىڭ ئوربېتىسى يۆتكەلگەن دەپ قارىلىدۇ، يەنى HATS-6bنىڭ سىرتقى ئوربىتىسى ئىچكى ئوربىتىسىغا قاراپ يۆتكەلگەن، ئەمما بىز يەنىلا نەزەرىيە جەھەتتە بۇنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز. مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسى «ئاسترونومىيە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=154805&extra=page%3D1

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-7 10:11  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش