يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئا.ئوسمان

ئابدۇرېشىت ئوسمان: « ئانا يۇرت » رومانىنى ئاساسسىز سۆكمەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-17 22:20:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-1-17 22:57:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئابدۇرىشىت،ماقالەڭ ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ،ئىزدىنىشلىرىڭ يەنىمۇ ئۇتۇقلانسۇن.
        ماقالەڭدىكى پىكىرلەر توغۇرلۇق ھېچنېمە دېگۈم كەلمىدى،چۈنكى،مۇھەممەت پولاتنى مەركەز قىلغان،ئەنۋەر ئابدۇرىھىم،كىرىمجان ئابدۇرىھىم،ئەكبەر قادىر قاتارلىق بىر تۈركۈملەر شاخلاتقان،يالقۇن روزى،ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئەنۋەر ھوشۇر قاتارلىق بىر تۈركۈملەر جانلاندۇرغان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى بىلەن تاھىر ھامۇتنى مەركەز قىلغان،پەرھات تۇرسۇن،ئىدىرىس نۇرۇللا،ئەسئەت ئەمەت قاتارلىق بىر تۈركۈملەر ئاۋاز قوشىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىككى خىل بەدئىي ئۆلچەمدىكى ئەدەبىي تەنقىد.شۇڭا،ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ بىر نوقتىدا كېسىشمەسلىك مەنچە تەبىئىي بىر ئەھۋال!

ۋاقتى: 2015-1-18 00:24:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ئۇيغۇر رومانچىلىقى _ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن  ئەگرى - توقاي يولىدا خۇددى شۇ يولغا ئوخشاشلا، رومانچىلىقمۇ تەرەققىي قىلىپ كەلدى. ئاز بىر قىسىم ياخشى ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئەمما، ئۇلاردا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە خاتالىقلار، كەمچىللىك، ئاجزىلىقلار ساقلاندى. ئەلۋەتتە، بۇلار ھەققىدە توختىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، چۈنكى مەلۇم ئەسەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى كېيىن يېزىلماقچى بولغان ئەسەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىشتىن ئىبارەت دەپ قارايمەن.  

ۋاقتى: 2015-1-18 14:15:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  
                          ئابدۇرىشىت ئوسمان ماقالىڭىز دەل ۋاقتىدا، دەل جايىدا  يېزىلىپتۇ .

   ‹‹ئانا يۇرت ›› رومانى-  مىليونلىغان ئۇيغۇرلىرىمىز تېخى كۆرۈپ بولالمىغان ، ئوقۇپ بولالمىغان،
تەمىگە قانمىغان،ئوقىغانلار قارچۇقىدىكى ‹‹شەبنەم ››نى ئېيتىپ بولالمىغان ھالەتنى    ئىزچىل ساقلاپ   كېلىۋاتقان رومان .ئوقۇرمەنلەرنىڭ چاڭقاق يۈرىكى قانغىچە قىممىتى ئۆلمەس ۋە ئۆچمەستۇر. [....سەن تەكلىماكاندىكى تۈمەنمىڭ توغراققا يامغۇر تىلىمەكتە يوق ،‹‹زەمزەم ›› بىلەن  سۇغۇرماقچىما -‹‹شېرىن ›› چۈشىڭدە .........................................؟ !]

ۋاقتى: 2015-1-18 17:09:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ياقتۇرۇدم!
  «ئانا يۇرۇت» رۇمانىنى ئوقۇپ تۆۋەندىكىلەرنى ئويلىغان ئىدىم(بۇ قالدۇرغان خاتىرەمنىڭ بىر قىسىمى)؛ زوردۇن سابىر ئۆزى قىلالايدىغان ئەمما باشقىلار قىلالمايدىغان ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدى (ئۇنىڭ ھازىر ھەسەتكە ئۇچرىشىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن). رۇماننى ئوقۇغانلار بىلىدۇ - «ئانا يۇرۇت» رومانىدىن باشقا قايسى بىر ئويغۇرچە نەشىر قلىنغان كىتابقا «ئانا يۇرۇت» رومانىدىكىگە ئوخشاش «تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىلەر» دەپ بىر مۇنچە ئادەمنىڭ ئىسىمى يېزىلغان؟...
  «ئانا يۇرۇت» بىر رومان بولسىمۇ ئويغۇرنىڭ سىياسى ئورنىنى بىلىشكە ئۇرۇنىشى، ئۆزىنى قايتا تۇنۇشقا تىرىشىشى...شۇڭا ئۇنى «دۇنياۋى داڭلىق ئەسەرلەر»گە سېلىشتۇرۇش توغرا، ئەمما ئۇلارغا يېتەلمەيدۇ دېيىش خاتا، چۈنكى دۇنياۋى داڭلىق ئەسەرلەردىكى ئوبرازلار ھەرگىزمۇ بىز ئەمەس، ئۇلارنىڭ بايان قىلىپ بەرگىنىمۇ بىزنىڭ خاراكتىرىمىز، كەچمىشىمىز ئەمەس. ئورتاقلىق بار دېيىلگەندىمۇ ئويغۇر يەنىلا ئۇيغۇردۇر...
  شۇنداق ئىكەن ئۇ ئۈستىدە بەزى پاكىتسىز سەلبى سۆزلەرنى قىلغان ئادەمنى ئەلراممۇ ياقتۇرمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 17:21  


ۋاقتى: 2015-1-18 20:53:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر ئۆز ئەسەرلىرىدە سەمىمىيەتكە، جۈرئەتچانلىققا ۋە تۇرمۇشنىڭ ھاياجانغا تولغان ماكانىنى ئېچىپ بەردى.
تىلىمىزدا ھەرقانداق بىر جۈملە ئۆز تەركىبىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ خالىغان بىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، يەنىلا  جۈملىلىك سالاھىيىتىنى ساقلايدۇ. يۇقىرىقى جۈملىنىڭ تەركىبىدىكى ئۈچ تەڭداش بۆلەكنىڭ  بىرىنى چىقىرىپ تاشلىساق مۇنداق بولىدۇ :
زوردۇن سابىر ئۆز ئەسەرلىرىدە سەمىمىيەتكە ئېچىپ بەردى.
زوردۇن سابىر ئۆز ئەسەرلىرىدە جۈرئەتچانلىققا ئېچىپ بەردى.
زوردۇن سابىر ئۆز ئەسەرلىرىدە  تۇرمۇشنىڭ ھاياجانغا تولغان ماكانىنى ئېچىپ بەردى.

بۇ ئۈچ جۈملىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ. دېمەك، ئەسلى جۈملىدە مەسىلە بار. ئەدەبىي ئوبزورلاردا مۇنداق نۇقسانلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا، ماقالىغا يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل ئىشلەش كېرەك، دەپ قارىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 20:54  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-19 15:45:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ-پىكىر بەرگەن دوستلارغا كۆپ رەخمەت.

ۋاقتى: 2015-1-27 22:46:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ئوسمان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 15:45
تەكلىپ-پىكىر بەرگەن دوستلارغا كۆپ رەخمەت.

تېما ئىگىسى - ئابدېرىشىت ئوسمانغا موبارەك.

ۋاقتى: 2015-1-28 00:40:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ ئوبزور (ماقالە) ئوبدان يېزىلماپتۇ. شەخسەن مەن ياقتۇرمىدىم. مۇئەللىم، سىزمۇ بەزى ئوبزورچىلارغا ئوخشاشلا نىشان ئوبزورنى ۋە ئاپتورىنى خېلى ئوبدانلا تەنقىدلەپ، تىللاپ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋاپسىزيۇ، نىشان ئوبزورنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى دېمەپسىز. بۇنچىلىك گەپنى قىلالىغان، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چۈشەلىگەن تۇرۇپ نېمىشقا ئاپتورنىڭ ئىسمىنى توغرىدىن توغرا ئاتىيالمايسىز؟ ئوقۇرمەننى ئاپتورنى ئۆزۈڭلار تونۇۋېلىڭلار دېمەكچىمۇ يا؟ سىز «تاشقا سۆزلەۋاتقان ئادەم» بولمىغاندېكىن «ئەسئەت ئەمەت ئاپتورلىقدىكى .....» دەپ ئېلىشىڭىز كېرەكتى.
مەنمۇ 13 يىل بۇرۇن بۇ روماننى بىر ھەپتە ئىچىدە كېچە - كېچىلەپ ياتاق بىناسىنىڭ كارىدورىدا ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم. شۇ چاغدىكى ھاياجىنىمنى ھازىرمۇ ئۇنتىيالمايمەن. بۇ رومان ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر رومانچلىقىدىكى نادىر رومان دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇن ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەر بۇ روماننى مۇئەييەنلەشتۈردى، يۇقىرى باھالارنى بەردى. ۋەھالەنكى بۇ ھەرگىزمۇ «ئانا يۇرت» رومانىنى تەنقىد قىلسا، خاتا دەپ قارىغان جايلرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. نىشان ئوبزورنى ۋە ئۇنىڭدىكى نۇقتىنەزەرلەرنى، پىكىرلەرنى خاتا دەپ قارىسىڭىز ئوتتۇرا مەيداندا تۇرۇپ ئىلمىي ئۇسۇلدا رەددىيە بەرسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ. بىراق ھە دېگەندە ئاپتورنى بىلىمسىزلىكتە، پەزىلەتسىزلىكتە ئەيىبلىسىڭىز، شەخسىيىتىگە تەگسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز دېگەن ئاشۇ «خىسلەتلەر» ئەكسىچە ھالدا سىزگە تەۋە بولۇپ قالىدۇ.
مەن نىشان ئوبزورنى ئوقۇپ باقمىغان، شۇڭا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلالمايمەن. ئەسئەت ئەمەتنىمۇ تونۇمايمەن. شۇنداق كىشىنىڭ بار ئىكەنلكىنى سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇپ، مۇنبەردىن تارىم ژۇرنىلىنىڭ 2014 - يىللىق 9- سان مۇندەرىجىسىنى ئىزدەپ كۆرۈپ ئاندىن بىلدىم. لېكىن مېنىڭ بىلىشىمچە ئەسئەت ئەمەت ھەرگىزمۇ ئەدەبىيات كوچىسىدا ئۇر -ئۇرغا قالغان ياكى قالىدىغان چاشقان ئەمەس. ياراتقۇچىدىن باشقا ھەرقانداق جان ئىگىسىدىن گۇمانلانساق ، «قۇرئان كەرىم» دىن باشقا ھەرقانداق يازمىدىن خاتالىق ئىزدىسەك بولىۋېرىدۇ.
يەنە بىرى سىز نىشان ئوبزوردىكى «بەدبۇي پۇراق روماننىڭ خۇشبۇي پۇرىقىنى يېپىپ كېتىپتۇ.» دەپسىز يۇ، ئوبزونى ئىلمىيلىكى يوق، پاكىتسىز دەپ قاراپ بىر تىيىن قىلىپسىز. ھەممىگە ئايانكى (ھەتتا سىزگىمۇ) لاۋانىڭ ئالتۇننىڭ جۇلاسىنى يوقىتالىشى مۇمكىن ئەمەس. سىز زىيادە ئۈركۈپ كېتىپسىز.
ئاخىرقى بىرى: سىز «زوردۇن سابىرشۇناسلىق ئىلمى» دېگەن ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ئەلۋەتتە بۇ گەپنى بۇرۇنمۇ كۆرگەندەك يادىمدا. بىر ئىلىم دېگەن بىراۋنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە «- شۇناسلىق» دېگەن قوشۇمچىنى قوشۇۋالسىلا ئىلىم بولۇپ قالىدىغان ئىش ئەمەس. «زوردۇن سابىرشۇناسلىق ئىلمى» دېگەن ئىلىمنىڭ بەرپا بولۇپ، زوردۇن سابىرنىڭ كەڭ دائىرىدە، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنىشىنى مەنمۇ ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن بۇ ھېسسىياتقا تايىنىپلا بەرپا بولۇپ قالىدىغان ئىش ئەمەس. «زوردۇن سابىرشۇناسلىق ئىلمى» دەيدىغان ئىلىم مېنىڭ بىلىشىمچە ئىلىم ساھەسى تەرىپدىن ئېتىراپ قىلىنىپ ھەم بەرپا بولۇنۇپ بولغىنى يوق. زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى تەتقىق قىلىنىپ خېلى كۆپ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ۋەھالەنكى «زودۇن سابىر تەتقىقاتى» تېخىچە «ئىلىم» ياكى «پەن» بولۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگىنى يوق. شۇڭا ئاتالغۇلارغا ھاياجان بىلەن ئەمەس، ئىلمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلايلى. بىز 14 يىلدا بىر ئەسىرگە باھا بېرىدىغان كىشىلەر بولمىغاندېكىن «-شۇناس»، «-شۇناسلىق» دېگەن قوشۇمچىلارنى كەلگۈسىگە ئېلىپ قويايلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 00:50  


ۋاقتى: 2015-2-1 18:08:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ھەرقانداق بىر ئىلمىي ئەمگەكنىڭ ئىلمىيلكى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەلىل-ئىسپاتلىرى، ئاساسلىرى تولۇق بولمىغان، بىردەملىك ھاياجاندا تەۋرىتىلگەن قەلەم ھامان ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەرگە دەرت ئاغرىقى ئېلىپ كېلىدۇ.
     مەن بىر ئىخلاسمەن ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن  «ئۇيغۇران»نىڭ پىكىرىنى قوللايمان!!!!!!!!!!!!!!

ۋاقتى: 2015-2-8 00:40:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە دېگەن ماقالىنى بۇ ئادرېستىن كۆرۈپ بېقىڭ.
http://bbs.izdinix.com/thread-62256-3-1.html

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-11 16:46:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ-پىكىر بەرگەن دوستلارغا كۆپ رەخمەت.

ۋاقتى: 2015-3-11 17:44:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئادرىستىن ئۇ ئوبزورنى ئوقىسام ئاساسەن چەتئەلنىڭكىلا مىسال ئېلىنغاندەك...شۇنچە ئوزۇن ئوبزۇردا ئاپتورنىڭ ئۆز كۆز قارىشى ،خاس پىكرى ،تەكلىپ ئويلىرى بەك ئازكەنغۇ؟!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-16 09:34:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ-پىكىر بەرگەن دوستلارغا كۆپ رەخمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-30 09:20:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،يەنە تېما يوللاشقا تىرىشىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش