كۆرۈش: 1253|ئىنكاس: 0

ئابلىكىم ھەسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
07_avatar_middle[1].jpg                        
ئابلېكىم ھەسەن 1971-يىلى ئالتۇن كۈز ياپراقلىرى چۈمكىگەن ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى خىلۋەت مەھەللىلەرنىڭ بىرى بولغان ئۈچدەرۋازىدا  ئاددىغىنا بىر تۆمۈرچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ بالىلارنىڭ ئالتىنچىسى بولۇپ، ئىشچان ئاكا - ھەدىلىرى بىلەن بىللە مال بورداش، ئۆي سېلىش، تۆمۈرچىلىك، مەشچىلىك ، كىراكەشلىك، باققاللىق قاتارلىق ئىشلارغا تەڭ ھەمدەم بولۇپ تۇرمۇش قايناملىرىدا چېنىققان، تەتىل كۈنلىرىنى سەھرادا ئۆتكۈزۈپ سەھرا بالىلىرىغا قېتىلىپ ئورما ئورۇپ ـ ئۈنچە تېرىپ، تاغ ـ دۆڭلەرگە يامىشىپ، سۇلارغا تەڭ باش چۈمكىشىپ تەبىئەت گۈزەللىكىدىن مول بالىلىق تۇيغۇلىرىغا ئېرىشكەن.
ئۇ 1993-يىلى لەنجۇ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتوتى جۇڭگو تىل ـ ئەدەبىياتى فاكولتىتىنى تاماملىغان يىلى ئۇنىڭ تۇنجى بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى« ئەللەي تەبىئەت» نەشر قىلىنىپ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى جۈملىدىن، بالىلار شېئىرىيىتى ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.مەزكۇر توپلام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن «مۇنەۋۋەر كىتاب مۇكاپاتى»غا، «شەيتانلارنىڭ شادلىقى»ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى7-نۆۋەتلىك «جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹تۇلپار› ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «زەيتۇنەنىڭ ئالمىسى» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم ـ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2- نۆۋەتلىك « تەڭرىتاغ ئەدەبىيات ـ سەنئەت . ئەسەر مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن.بۇنىڭدىن باشقا، «يۇلتۇزلارغا  سۆز»، « ئېھ، غۇلجام»،« توپىلىق يول»، «ئەۋلادلار ئۈچۈن»، « ئاق قۇلار ناۋاسى»،«ياز خىياللىرى»،«كۈنلۈكۈم»، « جاپاكەش ئانام »،« ئاپام»،«يېرىلىڭ تاشىم»،« قاراڭغۇ باغدىكى ئۆمۈچۈك موماي»  قاتارلىق يەككە ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭدەك،ئاپتونوم رايون بويىچە   « مۇنەۋۋەر باش مۇھەررىر مۇكاپاتى»، «2- نۆۋەتلىك  ياشلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.ئۇنىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان   « قاراڭغۇ باغدىكى ئۆمۈچۈك موماي»،«بوغرانىڭ زومىگىرى» قاتارلىق توپلاملىرىمۇ نەشر قىلىندى.30 پارچىغا يېقىن ئەسىرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن « مۇزىكا» ، « تىل ـ ئەدەبىيات » دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. « تەنھا كېيىك » ناملىق لېرىك شېئىرلار توپلىمىمۇ نەشردىن چىقتى.
ئابلېكىم ھەسەن «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىنىڭ تەھرىرى، باش مۇھەرىرى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا ياش بىر ژورنالىستقا خاس تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ئۇ ژورنال ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، ئىشلەپ ئاپتونۇم رايون دائىرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال بۇ بالىلار ژورنىلىنىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن زور ئەجىر سىڭدۈردى، ئۇ بالىلار يازغۇچى، شائىرلىرى ۋە بالا شائىر، يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىننى تاللاپ ژورنالنىڭ مەزمۇنىنى بېيتتى، ژورنالنىڭ سەھىپىلىرىنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، ژورنالنى قىزىقارلىق، بالىلار سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ژورنالغا ئايلاندۇردى. شۇڭا ژورنال شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى كىچىك دوستلارنىڭ ياخشى سىردىشى، تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان، تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇشتىكى ياخشى كۆزنەك بولۇپ قالدى. شائىر ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ بالىلار شىئىرىيىتى ۋە بالىلار ژورنالچىلىقى جەھەتتىكى تۆھپىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم تىمىلارنىڭ بىرى بولغان بالىلار ئەدەبىياتىدىكى ئۆزىگە خاس ئورنىنى تىكلىدى.
شائىر ئابلېكىم ھەسەن ھازىر شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش