يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: eybuyaqup

ئەيبۇ ياقۇپ: «قاناس» (تەرجىمە شىئېر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-4-9 22:34:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلار بەك ئېسىلكەن ، ئەيبو ئاكىمىزنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت ...

ۋاقتى: 2014-4-10 12:19:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەيبونىڭ ۋاقت چىقىرىپ مۇشۇنداق ئېسىل شىئېرلارنى تەرجىمە قىلغىنىغا تەشەككۈر ، ھارمىغايسىز !

ۋاقتى: 2014-4-10 13:11:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بەك ياخشى يېزىلغان ھەم بەك ئوبدان تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلاركەن ،قايتا-قايتا ئۇقۇسام يەنە شۇنچە جەلىپ قىلارلىق.

      بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق بەلەن ئەسەرلىرى بىلەن كۆپراق تۇنۇشساق دىگەن ئۈمىدتەمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئۆزھال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 13:12  


ۋاقتى: 2014-4-10 15:55:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇكامنىڭ تەرجىمە شېئىرلىرىدن ئۆزىنىڭ ئىلھاملىرىنىڭ پۇرىقىنى ھىدلاپ يۈرىدىغان بولدۇق .

ۋاقتى: 2014-4-11 01:43:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزىلا بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-4-24 02:19:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبوكا بۇ تەرجىمە شېئردىن جىق نەرسىلەرنى ھىس قىلدىم....يەنىلا ئەيبوچە ئالاھىدىلىك بار.

ۋاقتى: 2015-4-24 11:20:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇ ئاكامنىڭ بۇ تەرجىمىسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.  تەرجىمان ھامان ماھارەت ئىگىسى . ئەدەبىي تەرجىمىدە بولۇپمۇ شېئىرىي تەرجىمىدە مۇنداق ئىككى ئېقىم بار . بىرى ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا  ئەسلى شېئىرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ، ئۇسلۇبى، شېئىرىي ئوبرازى، شېئىرىي شەكلى قاتارلىقلارغا سادىق بولغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تەرجىمە. يەنە بىرى  تەرجىمە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ  شېئىرىي تىل تەم  ئادىتىگە ماس كەلتۈرۈپ تەرجىمانننىڭ قايتا ئىشلىشىدىن ئۆتكەن  تەرجىمە. بۇ ئىككى خىل تەرجىمىدە ئەسلى تىلنى بىلىدىغانلارنىڭ نەزىرىدە چوقۇم بىرىنچى خىل تەرجىمە پىرىنسىپى ئاساس قىلىنىشى كىرەك دەپ قارايدۇ.  ئەسلى ئەسەر تىلىنى بىلمىگەنلەر  ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن لىكىن قايتا ئىشلەشتىن ئۆتكەن  تەرجىمىنى كۆرۈپ مۇشۇ ياخشى چىقىپتۇ دەپ قارايدۇ.
زادى قايسى خىل تەرجىمە ئېقىمى شېئىرىي تەرجىمىنىڭ پىرىنسىپى قىلىنىشى كىرەك؟
   بۇنىڭغا مەن ئۆزۈمنىڭ قارىشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىمەن.
   شېئىر  ئەسلىدىنلا تەرجىمە قىلغىلى بولمايدىغان  بىر  ئەدەبىي ژانىر،  تەرجىمە قىلدىڭمۇ بۇزۇلدى دېگەنلىك . چۈنكى شېئىردا مىللىي خاسلىق ، شائىرنىڭ تىل ئۇسلۇبى ، شېئىرىي شەكىل قاتارلىقلار  ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلەر بىلەن شېئىرنىڭ جىسمىغا مۇجەسسەملەشكەن . لىكىن شېئىرنى تەرجىمە قىلمايمىزمۇ؟  تەرجىمە قىلىمىز، ئەسلى ئەسەرگە ئەڭ يېقىن كەلگۈدەك دەرىجىدە تەرجىمە قىلىمىز.  بۇ شېئىرىي تەرجىمىدىكى تۈپكى پىرىنسىپ- ئەسلىگە سادىق بولۇش پىرىنسىپى.  
   يەنە بىر خىلدىكى تەرجىمە قانداق بولىدۇ دېگەندە ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل خۇسۇسىيەتلىرى، شېئىرنىڭ  جېنى بولمىشى شېئىرىي تۇيغۇ، شېئىرىي مۇھىت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كارى بولماي خالىغانچە بۇزۇپ ئۆزىنىڭ  خاھىشى بويىچە تەرجىمە قىلىپ، ھەتتا ئەركىن  چاچما شېئىرنى بارماق ۋەزىنلىك شېئىرگە ، ياكى بارماق ۋەزىنلىك شېئىرنى چاچما شېئىرغا ، ئارۇز ۋەزىندىكى غەزەللەرنى  چاچما شەكىلدىكى ياكى بارماق ۋەزىندىكى شېئىرغا ئايلاندۇرۇپ  قويۇپ ، ئۆزىنىڭ  تىل ماھارىتىنى  بولۇشىغا ئىشلىتىپ باشقىچە چىراي بىر شېئىرنى ئوقۇرمەنگە تەقدىم ئىتىشتەك خاھىش بولۇپ.  ئاددى بىر گۈزەل شېئىرنى دەبدەبەلىك سۆزلەر بىلەن ھەل بىرىپ ئوقۇرمەننى ئەسلى تەمنى بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشتىن ئىبارەت.
   بۇ ئىككى خىل ئېقىمدا تەرجىمان چوقۇم بىرىنچى خىل تەرجىمە پىرىنسىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كىرەك.  ئەسلى ئەسەرنىڭ  تەم پۇرىقىنى ، تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنگە ئەسلى تەم بىلەن تەقدىم ئىتىش كىرەك . بۇنداق بولغاندا ئوقۇرمەنلەر  ئەسلى ئاپتۇر ئەتكەن ئاشۇ خاسلىققا ئىگە ئەسلى تەم تاماقنىڭ ئەسلى پۇرىقىدىن  ھوزۇرلىنالايدۇ.  نەپ ئالالايدۇ. ئەگەر ئىككىنچى خىل تەرجىمە ئادىتى بويىچە تەرجىمە قىلىنسا ئەسلى ئەسەر پەقەت تەرجىماننىڭ  ئەسىرىگە ئايلىنىپ قىلىپ، ھۆسىن تۈزىگەن نازىنىنلاردەك كۆرۈنىشى چىرايلىق بولغىنى بىلەن. ئەسلى ئەسەردىكى بارلىق خۇسۇسىيەتلەرنى  تەرجىمان  تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنداق  تەرجىمە ھەرقانچە ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن ھەرقانچە چىرايلىق كۆرۈنگەن  بىلەن  ئۇ شېئىرنىڭ قىممىتى تۈگىگەن بولىدۇ.  بۇنداق تەرجىمىنى قىلغاندىن قىلمىغان تۈزۈك.  
   شۇڭا تەرجىمىدە  چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇمدەك  تەم بولسا  ئوقۇرمەن ئەسلى ئەسەردىكى ئەسلى تەمنى ھىس قىلالايدۇ. ئەگەر  بەك پىشۇرۇۋەتسە تەمى قالمايدۇ.  تىل ئىشلەتكەندە  قانچە ئاددى بولسا شۇنچە ياخشى.
    ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىلىرىنى داڭلىق شائىرلىرىمىزدىن  بىرقانچىسى تەرجىمە قىلىپ باقتى. بەزىلىرى تەرجىمانننىڭ رۇبائىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بەزىلىرى ئۆزبېك، تۈرك مەنبەلىرىدىن پايدىلانغىنى ئۈچۈن، تەرجىمە قىلىپ چىققان رۇبائىيلار   يات مىللەتنىڭ ناۋايلىق قىلىشنى دوراپ ياققان نېنىدەك يا بولكا تەمى ئەمەس، يا قوتۇرماچ تەمى ئەمەس بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. نان تەمىدىن سۆز ئىچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەسلىدىكى پارس مەنبەلىرىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ باقمىدى. دېمەك بۇ مەغلۇپ تەرجىمىدىن ئىبارەت.
   يېقىندا مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ  ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا  ئېلان قىلىنغان تەرجىمە شېئىرلاردا  ئىككىنچى خىل خاھىش كۆز قارىشى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ھۆسۈن تۈزەلگەن شېئىرلار بىرىلدى.  مۇھەررىرلەر  تەرجىمە قىلىنغان ئەسلى ئەسەرگە سادىق تەرجىمىنى قايتا ئىشلەپ تەرجىماننىڭ شېئىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. دېمەك بۇمۇ مەغلۇپ تەرجىمە بولدى.  ئەسلى ئەسەرگە يېقىنلىشالماي قالدۇق.
   شېئىرىي ئەسەرنى ئىككىنچى خىلدىكى ئادەت بويىچە تەرجىمە قىلغاندا  ئەگەر  ئاپتۇرنىڭ ئىسمى بىلەن تەرجىماننىڭ ئىسمىنى يېپىۋېلىپ ئوقۇغاندا  ئەسەرنىڭ ھەممەباپ بىر شېئىرغا ئايلىنىپ  قالغانلىقىنى،  قايسى دۆلەت، قايسى قەۋىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز ، بۇنىڭدا  ئەسلى ئەسەردىكى خاسلىق يوقۇلىدۇ. ئەسەردىكى  شېئىرىي مۇھىت، تۇيغۇ ، ئوبراز  يوقلا  بولىدۇ.
   شۇڭا شېئىرىي تەرجىمىدە  چوقۇم ماھارەت ئويناتماي، ئەسلى ئەسەردىكى بارلىق ئامىللارنى ياخشى تەتقىق قىلىپ يۇۋاشلىق بىلەن ئەسلىگە ئەڭ يېقىن ھالدا تەرجىمە قىلىش كىرەك. بولمىسا  شېئىرغا خىيانەت قىلغان بولىمىز.
   نىمىشقا كىشىلەر  گۆش گىردىنى خوتەندىن،  توخۇ قورۇمىسىنى ساۋەندىن يىگىلى. ئەتكەن چاينى غۇلجىدىن ئىچكىلى ئامراق؟  سەۋەبى  ئەسلى تەم بىلەن  ئىستىمال قىلالايدۇ. ئۆز تەمنى ھىس قىلالايدۇ. مانا بۇ ئوقۇرمەننى تەرجىماندىن كۈتىدىغان تەلىپى.
   ئەيبۇ ئاكام بۇ شېئىرنى خېلى مۇۋاپىقىيەتلىك تەرجىمە قىلغاچقا ،بۇ تەرجىمەگە سانداشتۇرۇپ بۇ  ئىنكاسنى يازدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-24 11:33  


ۋاقتى: 2015-4-24 11:41:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2015-4-24 11:20
ئەيبۇ ئاكامنىڭ بۇ تەرجىمىسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.   ...

«ئىككىنچى خىل تەرجىمە ئادىتى بويىچە تەرجىمە قىلىنسا ئەسلى ئەسەر پەقەت تەرجىماننىڭ  ئەسىرىگە ئايلىنىپ قىلىپ، ھۆسىن تۈزىگەن نازىنىنلاردەك كۆرۈنىشى چىرايلىق بولغىنى بىلەن. ئەسلى ئەسەردىكى بارلىق خۇسۇسىيەتلەرنى  تەرجىمان  تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.»
   مۇشۇ گەپنى بىر بۆلۈك «تۆپىكار تەرجىمان»لىرىمىز بىر ئويلىنىپ باقسا، بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا «يالغانچى» بولۇپ قېلىۋاتقانلىق ھالىمىزغا يەتسە، دەيمەن. يەنى، بىز جۇڭگو(خەنزۇ) كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى___چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋر ئەدەبىياتى ھەققىدە دەرس ئۆتكەندە گەپنى «چۇ نەزمىلىرى»دىن باشلايمىز. ھالبۇكى، «چۇ نەزمىلىرى»نىڭ تۈزۈلۈش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە بېرىلگەن چۈ يۈئەننىڭ «جۇدالىق زارى» داستانى(پارچە)___ئەسلى ئۇسلۇبىدا ئەمەس بەلكى، ئارۇز ۋەزىننىڭ رەمەل بەھرىدە «تەرجىمە» قىلىنغان بولغاچقا بىر-بىرىگە ماس كەلمەي، بىزنى «يالغانچى» قىلىدۇ. بۇ بۇنداق «تەرجىمە»دىن «مىڭدىن بىرى» بولۇشى مۈمكىن...

ۋاقتى: 2015-4-24 11:49:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى گۈزەل تۇيغۇلاردىن ھوزۇرلاندىم. ھەم سورىغىم كەلدى.
ئۈچىنچى شېئىردىكى ياڭيۇلارنىڭ تەبەسسۇملىرى. دىگەن مىسرادىكى ياڭيۇ دىگەن خەنزۇچە ئاتالغۇغۇ دەيمەن. ئۇ سۆزنى بەرەنگە دىسەك توغرا بۇلامدۇ؟

ۋاقتى: 2015-4-24 11:54:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
阿依努尔·毛吾力提1.jpg

ئاينۇر مەۋلۇت، خەنزۇ تىلىدا ئەسەر يازىدىغان قازاق شائىرەسى، ئەدەبىي تەرجىمان. يوسۇنسۇنشۇناسلىق پەنلىرى ماگىستىرى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، 16-قارارلىق لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتىتۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ «ئاپا» ناملىق نەسىرى بىلەن مەملىكەت بويىچە 6-نۆۋەتلىك «بىڭشىن» نەسىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. گەنسۇدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «ئاقساي» قازاق ئەدەبىياتى تەرجىمە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «تاڭجارىق شىئېرلىرى» ناملىق خەنزۇچە كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. خەنزۇچە «شىئېرىيەت»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»،«گىياھ»، «يېشىل شامال» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.


ۋاقتى: 2015-4-24 15:09:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ساۋاقدىشىم ئاينۇرغا قۇت تىلەيمەن.  ئۇ  بىر  تىل ئۇستىسى ،  يوسۇنشۇناسلىق بويىچە يازغان ماقالىسى بەكمۇ سەۋىيەلىك چىققان ئىدى. مىنىڭ «قاراقۇرۇملۇقلارنىڭ ئېتنوگىراپىيسى» دېگەن  خەنزۇچە كىتابىمغا ياخشى پىكىرلەرنى بەرگەن ئىدى.   ئۇنىڭ ئاپا ( ئاپا سۆزى قازاقلاردا  موما دېگەن مەنىدە كىلىدۇ)  دېگەن نەسىرىنى ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىنى  ئادەمنىڭ يۈزىكىنى ئەزگۈدەك يازالىغان. قالايمىقان ئاھ-ۋاھلىرىمۇ يوق. سىدام تۈستە يېزىلغان ماھارەتلىك نەسىر دىيىشكە بولىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-24 23:51  


ۋاقتى: 2015-4-24 15:41:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇنىڭ  بۇ تەرجىمە شىئىرى بەكلا ياخشى چقىىپتۇ، قوللارغا دەرت بەرمىسۇن!!!!!!!!!

ۋاقتى: 2015-4-25 09:01:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى چىققان شېئىرلار ئىكەن. ئەتىگەندە ھوزۇر بىلەن ئوقۇدۇم. ئەيبۇكامنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر. بىزگە يەنە داۋاملىق ھالدا مۇشۇندا راۋان تەرجىمىلەر كېرەك!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش