كۆرۈش: 1125|ئىنكاس: 1

ئەزىز ئەيسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
forum.jpg   
ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ، ئەر، ئۇيغۇر ،1961-يىلى ئاقسۇ شەھرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسىدا  دۇنياغا كەلگەن .1982-يىلى ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى تېخنىكومىنى،1989.يىلى ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى جوغراپىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن .ئالى دەرىجىلىك ئۇقۇتقۇچى.   ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك 5.ئوتتۇرا مەكتەپتەخىزمەت قىلماقتا .يولداش ئەزىزئەيسا 33يىلدىن بۇيان دەرىس مۇنبىرىدىن ئىزچىل ئايرىلماي تەلىم تەربىيە ،مائارىپ ئۈچۈن قان-تەر ئاقتۇرسا يەنە تەرەپتىن ئىزچىل ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە  .ئۇ 1985 -يىلى "ئاقسۇ ئەدەبىياتى"دا ئېلان قىلىنغان "قۇياش قۇتلىغان بالا "ناملىق شېىرى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى "تەڭرىتاغ"،"ئاقسۇ ئەدەبىياتى"،"شىنجاڭ ياشلىرى"،"شىنجاڭ ئاياللىرى "،"ئاقسۇ گېزىتى "قاتارلىق  ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ھەرخىل ژانىردىكى "نۇر ئوغلى"،"ئەستە تۇت "،"سۆيگۈ ھەققىدە قۇشاق"، "تۇتقۇن"  "ئاچقۇچ "،"يېرىم يولدا""ئاقسۇ ھەققىدە مۇخەممەس"،"كۈز لىرىكىسى "،"ياپراقلار شىۋىرلايدۇ" قاتارلىق 200  پارچىدىن ئارتۇق  ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان .مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ 2013-يىلى "ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپ تەزكىرىسى "ناملىق تەتقىقات ئەسىرىنى تاماملىغان. "ئاقسۇ ئەدەبىياتى"ژورنىلى 2007.يىللىق 3.ساندا ئېلان قىلىنغان "تۇتقۇن "ناملىق پوۋىستى 2008-يىللىق "بوغدا"نامىدىكى<<دەۋران ئەدەبىيات مۇكاتى>> شەرىپىگە نائىل بولغان ھەم شۇيىللىق ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ« 10،بىر يۇرۇق نۇقتا قۇرۇلۇشى بۇيىچە  مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .يولداش ئەزىز ئەيسا ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 12:22  


ۋاقتى: 2012-3-26 22:01:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ئەيسانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەزىز ئەيسا 1961-يىلى ئاقسۇ شەھرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .1982-يىلى ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى تېخنىكومىنى،1989-يىلى ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى جوغراپىيە كەسپىنى  پۈتتۈرۈپ ئاقسۇ شەھەرلىك 5.ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان  .ئەزىز ئەيسا 1985-يىلى "ئاقسۇ ئەدەبىياتى"ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان "قۇياش قۇتلىغان بالا "ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا  200پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ  "ئاقسۇ ئەدەبىياتى "2007-يىللىق 3-ساندا ئېلان قىلىنغان "تۇتقۇن "ناملىق پوۋېستى 2008-يىللىق "بوغدا"نامىدىكى  <<دەۋران ئەدەبىيات مۇكاتى>> شەرىپىگە نائىل بولغان ھەم شۇيىللىق ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ« 10بىر يۇرۇق نۇقتا قۇرۇلۇشى بۇيىچە  مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
ئەزىز ئەيسا ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش