كۆرۈش: 929|ئىنكاس: 0

قۇربان ئېلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp
  قۇربان ئېلى، 1966-يىلى باي ناھىيە قىزىل يېزىسىنىڭ مازارغوجام كەنتىدە تۇغۇلغان.1984-يىلىغىچە ئاقسۇ دارېلمۇئەللىمىننىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر باي ناھىيىلىك سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە كەسپى خادىم بولۇپ ئىشلىمەكتە.
    ئۇنىڭ مەتبۇئاتتا تۇنجى ئېلان قىلغان ئەسىرى «تارىم» ژورنىلىنىڭ 1987-يىللىق 10-سانىغا بېسىلغان «ياش ۋە كۈلكە» ماۋزۇلۇق شېئىرى بولۇپ، ھازىرغىچە «تارىم»،«تەڭرىتاغ»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلىك ژورناللاردا شېئىر،ھېكايە، نەسىر،فېليەتون،مەسەل،ئوبزور بولۇپ100پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلغان،«تەخەي گۆشى»،«گۇناھتىن قېچىش»قاتارلىق بىرقىسىم ھېكايە، ئوبزورلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،«تۈن لېرىكىسى»ماۋزۇلۇق چاتما نەسىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ50يىللىقىغا بېغىشلانغان« شىنجاڭ يېڭى دەۋر ئازسانلىق مىللەت ئەدەبى ئەسەرلىرىدىن تاللانما» (خەنزۇچە)نىڭ نەسىرلەر جىلىدىگە كىرگۈزۈلگەن،2003-يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ئۇنىڭ«ئاق توشقان مەيخانىسى»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشر قىلغان، «سېزىك»قاتارلىق ئېتوتلىرى ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەك تەرىپىدىن سەھنىدە ئوينالغان.ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان تەھرىر ھەيئىتى بولۇپ،باي ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتەۋاتىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش