ئىگىسى: alimcan

مەمەتئېلى توختى: «يېڭى ناۋا» پىروگراممىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-31 17:58:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق كىتىۋەرسە «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى كاساتلىشىپ كىتىدۇ،ھىلھەم شۇنداق بولىۋاتىدۇ،بۇ پىروگىراممىغا تېخى ھەقىقى «سەنئەتكار»لىق قالپىقىنى كىيگەنلەر قاتنىشىپ باقمىدى،دىمەك بۇ دەل بۇ پىروگىراممىنىڭ پۇۋاپىقيەتسىزلىكى،ئىجادىيەتچىلەر ۋە ھەقىقى سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قوغدالمىغاچقا مەدەنىيەت سەنئەتنىڭ بۆشۈكى دەپ تەرىپلىنىدىغان يۇرىتلىرىمىزدىن چىققان سەنئەتكارلىرىمىز ۋە ئىجادىيەتچىللىرىمىز يەنىلا ئۆينىڭ قەرزىنى تۆلەشنىڭ،شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىشنىڭ،باللىرىنى ئوقۇتۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يېڭى ئىجادىيەتلەرنى روياپقا چىقىرالمايۋاتىدۇ،سەنئەتنىڭ كۆپ خىل شەكىللەرنى بىزدىن كۆچۈرگەن بىزدىن ئۈگەنگەن قېرىنداش مىللەت،قېرىنداش دۆلەتلەردىكى سەنئەتكارلار،ئىجادىيەتچىلەر،ئايرۇپىلانلىرىنىڭ قايسىسىدا سەپەرگە چىقىشنى،قايسى داچىسىدا دەم ئېلىش كۈنىنى ئۆتكۈزۈشنى،قايسى ئەسەرلىرىنى بالدۇر بازارغا سېلىش دىگەندەك مەسىلىلەردە بېشى قېتىۋاتىدۇ.............بۇ ئىشقا جەمىيئەت،ھۆكۈمەت،ۋە كەڭ خەلىق ئاممىسى  ئورتاق كۆڭۈل بۆلمىسە ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلمەي،ئوغرىلارغا شىرىك بولىۋاتقان«مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش»ئورنىدىكى«خىزمەت فورمىسى»نى قانداق كىيىشنىمۇ بىلمەيدىغانلار تەرىپىدىن،تېخىمۇ دەپسەندە بولىدۇ...........ھەممەيلەن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ھەركەتكە كىلىپ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر  ئەمەلى ئىشلارنى قىلساق بەك ياخشى بولاتتى...............

ۋاقتى: 2014-3-31 19:45:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹يېڭى ناۋا››-نېمىگە داۋا؟!...

ۋاقتى: 2014-3-31 22:25:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سەنئەت بولۇپمۇ ھازىرقى ئىستىمال مەنىسىدىكى ناخشا-ئۇسۇلغا زىيادە بىرىلىپ كىتىش روھى گادايلىق ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن بىلەك نەرسە ئەمەس.
  ‹يېڭى ناۋا› پىروگىراممىسىدا ئەڭ ئاۋۋال ياقتۇرمايدىغىنىم باھالىغۇچىلاردىكى بىلىمسىزلىك ۋەكۈزتىش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقى. ھەر بىر ماھىرنى باھالىغاندا ‹ بۇ ماھىرىمىز ناخشىنى ياخشى ئېىتىدىكەن، چىراي ئىوادىسى ماس كەلدى› .... دىن بىلەك گەپ يوق،سەنئەت ئوبزورچىسى بولغان ئادەم شۇ ئىككى ئېغىز گەپتىن باشقىنى قىلالمىسا، نەرى باھالىغۇچى. ناخشىنىڭ ياخشى ئېيتىلغىنىنى ككپ ئادەم دىيەلەيدۇ. باھالىغۇچى بولغاندىكىن ، سەنئەت نەزەرىيىسىدىن پاكىتلارنى كەلتۈرۈپ، نەزەرىيەگە چۈشۈرۈپ باھالىمامدۇ؟ ئىچكىرنىڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىلىرىنىڭ شۇنداق پىروگىراممىلىرىدا بولسا، باھالىغۇچىلار تۇشمۇ-تۇشتىن شۇنداق ئەتراپلىق، قايىل قىلارلىق، نەزىرىيەگە سېلىپ. بىزنىڭ ئويىمىزنىڭ قارشىدىن چىقىپ، كىزىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بىزدىمۇ سەنئەت كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇقتا، ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ كەلگەنلەر بارغۇ، باھالىغۇچىلارغا شۇلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنۋىرسال ساپانى ئۆستۈرۈش كىرەك.
  ھىلىغۇ كۈچۈرمىچىلىق ئەۋىج ئاپتۇ، پاخال بىر نىمىلەرنى ئوقۇپ چىقسىمۇ، چېلىنىۋاتقان چاۋاكنىڭ جېقلىقى. ئەجىبا تاماشىبىنلاردىكى بۇ ھوزۇرلىنىش، زوقلىنىش تۇيغۇسىنىڭ ئۆلگەنلىكىمۇ؟
  بۇ پىروگىراممىنى كۆپ كۆرمەسلا بولدۇم. ناۋادا شۇ پىروگراممىنىڭ ئورنىدا ‹ئىجادىيەت› نامىدا ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇش پىروگراممىسى تەسس قىلىنسا، نۇرغۇن شائىرلىرىمىز ھەربىر ماھىرغا يۈز- خاتىرە قىلماي، تەرەپ-تەرەپتىن باھا بىرىپ، ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ زوقلىنىش تۇيغۇسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە ھەسسە قوشقان بولاتتى.

ۋاقتى: 2014-4-9 10:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە «يېڭى ناۋا»پىروگىراممىسىدا يۇقىرىدا دىگەندەك ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن  باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان تەڭسىزلىك ھەم جۈملىلەردىكى خاتالىق ،لوگىيكا خاتالىقى مەۋجۇت.تۇز تەمى يوق ،چاك باسمايدىغان سۆزلەر.......بەزىدە كۆرۈپ قالسام تېرىكىپلا قالىمەن.

ۋاقتى: 2016-3-9 22:28:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەقنى ناخشا - ئۇسۇلدا بەسلەشتۈرۈش ھازىرقى ھالىمىزدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بەكمۇ بىمەنىلىك ! بەزى تايىنى يوق نومۇرلارمۇ تاماشىبانلارغا سۇنۇلۇپ ، پەقەتلا ئىقتىسادى قىممەت قوغلۇشۇۋاتقاندەك قىلىدۇ .سەھنىگە چىققان نومۇرلارغا باھا بېرىشمۇ ئاددى ھەم بىر قېلىپتىلا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكرار كونا گەپلەردۇر .

ۋاقتى: 2016-3-9 22:30:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ ئۈستىگە سەھنىگە چىققان نومۇرلار تەكرار ۋە بەدئىيلىكى تۆۋەن ، باھا بېرىشمۇ ئاددى ھەم بىر قېلىپتىلا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكرار كونا گەپلەردۇر .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش