يالقۇن روزى 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1987-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن. 1991-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىدا مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك قىلغان. 1991-يىلدىن 2005-يىلغىچە «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»دە مۇھەرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2005-يىل 4-ئايدىن باشلاپ مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ دەرىسلىك بۆلىمىدە ئىشلەپ كېلىۋاتدۇ.
يالقۇن روزىنىڭ ئەەدبىي ئىجادىيىتى 1986-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان «`ئاق روماللىق پەرىزات` داستانى توغرىسىدا» دېگەن ئوبزورى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر 100 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئوبزورى ئېلان قىلىندى. مىرئەھمەت سسېيىت ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسى ئاساسىدايېزىپ چىققان «مەمتېلى ئەپەندى» ناملىق تارىخى ئەسىرى ۋە «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما» ناملىق ماقالە-ئوبزورلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە،ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات مائارىپى ساھەسىدە تۈزگەن «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى»، «گۇمانتار ئوقۇشلۇق» (ئالتە پارچە)، «تىل-ئەدەبىيات: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش قوللانمىسى» (يەتتە پارچە) قاتارلىق ئون پارچە كىتابى نەشىر قىلىندى.