ئابدۇلئەھەد قادىرى (ئەھەدى) 1952-يىلى 8-ئاينىڭ16-كۇنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ شەھەر ئەتراپى سېزىيا كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ،1966-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بۇتتۇرۇپ ، 1990-يىلى ئالى تېخنىكۇم ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن . ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك سودا _سانائەت بانكىسىنىڭ پېنىسسىيۇنىرى .
ئۇ << دىۋان يىتىمى >> قاتارلىق 10نەچچە مىڭ مىسرالىق شىئېرى دىۋاننىڭ مۇئەللىپى _ شائىر ئاتىسىنىڭ بىۋاستە تەسىرى ۋە تەربىيىسىدە ئۆسمۇر چاغلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر شىئېرىيىتىنىڭ كىلاسسىك نەمۇنىلىرى ۋە ھازىرقى زامان نامايەندىلىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ،سەبى قەلبىگە شىئېرىيەتنىڭ ئىشتىياق ئوتىنى تۇتاشتۇرغان .1965_يىلى 13يېشىدا << خوتەن گىزىتى>> دە تۇنجى شىئېرىنى ئىلان قىلغاندىن باشلاپ ئەدىبى ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان .ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 800پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، << ئۆلۈپ تىرىلگەن ئادەم >>ناملىق پوۋىستى،28پارچە ھىكايە ، 15پارچە تەرجىمە ئەسىرى ئىلان قىلىنغان .<< مۇھەببەت لىرىكىلىرى>> قاتارلىق 5 توپلامغا بىر تۈ*ركۈم شىئېرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.1966-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن << ئەل ئايىغى بېسىققاندا >>ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى (ت . مۇھەممەت بىلەن بىللە ) نەشىر قىلىنغان.بىر پارچە شىئېرى 2001-يىلى << خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>> غا ،12 پارچە ئەسىرى خوتەن ۋىلايىتى بۇيىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .ئۇ شىنجاڭ يزغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى .
|