كۆرۈش: 966|ئىنكاس: 0

ئابدۇكېرىم قادىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
201092195157A.jpg

ئابدۇكېرىم قادىر 1969- يىلى يەكەندە تۇغۇلغان. 1989- يىلى قەشقەر ماليىە-سودا مەكتىپىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1999- يىلىدىن 2005-يىلغىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش بويىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىرتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى تولۇق كۇرۇسنى، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋېرستىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى تولۇق كۇرىسنى تاماملىغان. ھازىر يەكەن ناھىيلىك ئامانەت-قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپراتپىدا خىزمەت قىلماقتا.
     2005- يىلدىن ھازىرغا قەدەر ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ «تارىم» ژورنىلىدا « تەشنارەڭ كۆڭۈل»، «چۇۋۇق چىتلاق»، « خوتۇن تەڭلىكى»، «قوناق پۆپۈكى»، «قىزىل قۇيۇن»، « كۆڭۈل تارىتقان ئەر»، « داڭ... داڭ... داڭ...» ، «يىگىتلىك كوچىسى»، «ئۆتكۈن كېچىسى» قاتارلىق ئون پارچە ھېكايە، ئىككى پارچە پوۋېسىت؛ «تەڭرىتاغ» ژورنىلىدا «تاز قوچقار»، « ئاخىرقى كېمە»، «لەڭگەردىكى چۈش»،  «زەينەپ»، « ئانام كۆيگەن ئوت»، «مەمەتمۇ كەتتى»، قاتارلىق ئالتە پارچە ھېكايە، بىر پارچە پوۋېسىت؛ «يېڭى قاشتېشى» ژرونىلىدا « ئۈجمە پىشىقى»، «كونا كوچا»،  «ئالما تاتلىقى»، « ئۈرۈمچىنىڭ غەيۋىتى»، «يىگانە قارلىغاچ» قاتارلىق ئالتە پارچە ھېكايە، بىر پارچە پوۋېسىت؛ «قەشقەر» ژورنىلىدا «ئەقىدە»، «ئازغان چىچىكى»، «ئاخشام بولغان ئىش» قاتارلىق ئىككى پارچە پوۋېسىت، بەش پارچە ھېكايە ئېلان قىىندى. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپدىن2005- يىلى 3- ئايدا « دولقۇنلۇق تارىم» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى  بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن«تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» ناملىق رومانى نەشىر قىلىندى. «تەشنارەڭ كۆڭۈل»، «ئاخشام بولغان ئىش» قاتارلىق بىرنەچچە پارچە ھېكايىسى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەدەبى ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. «كونا كوچا» ناملىق ھېكايىسى بىلەن 14- نۆۋەتلىك؛ «ئەقىدە» ناملىق پوۋېسىتى بىلەن 15- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىىيات مۇكاپاتىغا،2007-يىل 5-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە «تارىم» ژورنىلى تەرىپىدىن«تۆھپە» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
     ئابدۇكېرىم قادىر ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش