ئوسمان قاۋۇل، 1962-يىلى 9-ئايدا توقسۇ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنىي پۈتتۈرۈپ،«شىنجاڭ نېفىت گېزىتى»گە تەخسىم قىلىنىپ،2001-يىلى 4-ئايغىچە مۇخبىر،ئەدەبىي بەت مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن.ھازىر قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.كاندىدات ئالى مۇھەررىر. ئۇنىڭ «كاككۇك ھەققىدە رىۋايەت»،«ئەپيۇنگۈل»،«ئۇ مېنى قۇياشىم،دېدى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇ «نېفىتلىك ئوغلى»قاتارلىق بەش كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغان. «ئاسماننىڭ ئاخىرى» قاتارلىق 9 كىتابقا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ،مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ،جوڭگو نېفىت يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.قاراماي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى.