ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى،1963-يىلى 5-ئايدا دۆربىلجىندە تۇغۇلغان.1986-يىلى قەشقەر ر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن.2001-يىل 2-ئايغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن.ھازىر قاراماي شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنىدا تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى.
ئۇنىڭ « ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى»،«بادام دوپپىلىق بۇلبۇل»،«ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ يەشمىسى» (ئىككى قىسىم) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.ئۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان،«قەشقەردىكى يەر شارى»قاتارلىق 11 كىتابقا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەم قاراماي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.«قاراماي مائارىپ ژورنىلىرى»نىڭ ۋە «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى.