ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا زۆرۈر بولغان تىنىش بەلگىلىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-2 13:23:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 11:26
تاپالىدىڭىزمۇ؟

ياق، تاپالمىدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-3 16:13:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 13:23
ياق، تاپالمىدىم.




                ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ماتېرىيالدىن «تىل مەكتىپى» دېگەن سەھىپىدە ئەيبۇ يوللىغان بىرى ۋە مەن يوللىغان بىرى جەمئىي ئىككى پارچە بار. مەن يوللىغىنى قائىدە-قانىنىيەت، ئەيبۇ يوللىغىنى كۆرسەتمە.   

ۋاقتى: 2014-3-3 16:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-3 16:13
ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ماتېرىيالدىن «تىل م ...

ئابدۇرېھىم مۇئەللىم، رەھمەت سىلىگە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-4 11:33:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆسۈن يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 12:12
موشۇنداق ماقالىلارنىڭ بۇ مۇنبەردە كۆپرەك ئېلان قىلىنى ...




     شۇنداق، بۇ قورال بىلىملەر ھەر ۋاقىت جانغا ئەسقاتىدۇ. گەپلىرىڭىزدىن قارىغاندا، بىلىمگە ئىنتىلىدىكەنسىز. سىزگە ئامەت يار بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-5 11:31:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت توختى يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 15:55
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . بەك ياخشى تېمىنى يوللاپسىز .



      تىنىش بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى بىلمەي تۇرۇپ بىر نەرسە يېزىش پولۇنى ئېتىپ، قانداق يېيىشنى بىلمىگەندەك ئىش.  بىر، ئىككى ئادەم بولسىمۇ نەپ ئالسا دەپ تەييارلاپ يوللاپ قويدۇم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-6 10:45:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


      ماۋۇ ساقلاش قىممىتى بار سان-سىفىرلاردۇر:

تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 21-فېۋرال تېلېگىراممىسى)
بۈگۈن«يەرلىك تىل دۇنيا پۇقرالىقى ئېڭىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېگەننى ئاساسىي تېما قىلغان 15-قېتىملىق «خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى» (2-ئاينىڭ 22-كۈنى) بۇ كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيادا ھازىر ساقلىنىپ قالغان 6000 خىلدىن كۆپرەك تىلنىڭ ئىككى مىڭىنىڭ يېزىق شەكلى بار ئىكەن، %96 تىلنى ئىشلەتكۈچى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4  ىنى تەشكىل قىلىدىكەن، 1000 خىلدىن كۆپرەك تىل ئېغىر يوقىلىش خەتىرىدە ئىكەن. ب د ت دىكى مۇتەخەسىسلەر مۇنداق قاراشماقتا:
       ئىنسانلار ئانا تىلىنى قوغداشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. كۆپ خىل تىلدا ماتىرىيال يېزىش، «ئاۋازلىق لۇغەت» ئىشلەش، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاستىسىدىن پايدىلىنىش، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار ئامبىرى قۇرۇش ۋە تىلنى قوغداش ساھەسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئانا تىلنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى...  دەپ كۆرسەتكەن.


              

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-12 12:05:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


         ئىنكاس بىلدۈرگەن بارلىق دوستلارغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-3-15 17:24:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاتتىق ئۈگەنسەم بولغىدەك ئۇستازنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-16 19:47:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



              ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىنىڭ سۆزى:

               
      ئەدىبلىرىمىزنىڭ مۇبارەك ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسىگە سەمىمىي كۆڭلى بىلەن نەزەر ئاغدۇرۇشى تولىمۇ خوشاللىنارلىق ئىش.
   مېنىڭچە، ئىملاسىز خەت يېزىش ئەمەلىيەتتە، ئەدەبسىزلىك بولىدۇ. ئىملا قائىدىسىنىڭ چېكىنى توختاتماسلىق، بىر مۇدىر ئالماشسا، بىر قېتىم ئىملا قائىدىسى ئىشلەپچىقىرىش بولسا، سېپى ئۆزىدىن بىلىمسىزلىك بولىدۇ.
   بىز تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى «ئىملا قائىدىسى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى» ھېسابلايدىغان زېھنىيىتىگە ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىشىگە سەمىمىي كۆڭلىمىز بىلەن دەۋەت قىلايلى!
   بۇنىڭ بىلەن، شەرەپشان ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسى مۇشۇ 21-ئەسىردىلا مەزمۇت مۇقىملاشسۇن-دە، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئالدىغا سەككىز ئىملا قائىدىسى قوللانمىسىنى ئېچىپ قويماي تۇرۇپمۇ  كىتابلىمىزنى توغرا  ئوقۇيالايدىغان ۋە راۋان ئەسەر يازالايدىغان بولسۇن، ئامىن!  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-4 12:55:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


             تاگور: «ئانا تىلدا دېيىلگەن سەپسەتە ئۆز گە تىلدا دېيىلگەن ھېكمەتتىن ئۇلۇغ» دېگەنىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-10 10:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-3-3 16:56
ئابدۇرېھىم مۇئەللىم، رەھمەت سىلىگە!




           ئۆزلىرىگىمۇ كۆپ رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-5-21 18:33:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلققە ئازراق بولسىمۇ نەپ يەتكۇزگىنىڭزگە رەخمەت .ئويغۇر تىلىدىكى ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلمايدىغانلار ھەقىقەتەن بار .ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى قەدىرلەيلى !

ۋاقتى: 2014-5-21 18:36:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىم ،ئەجرىڭىزگە رەخمەت !

ۋاقتى: 2014-5-21 18:49:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش تەقەززاسى  چېكىگە بېرىپ قالغان ئىدى.رەھمەت سىزگە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-26 10:49:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 17:24
مەن قاتتىق ئۈگەنسەم بولغىدەك ئۇستازنىڭ ئەجىرىگە كۆپ ر ...





              شۇنداق، چوقۇم ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. چۈنكى بۇ بىلىملەر بىزگە نىسبەتەن قورال ھېسابلىنىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش