ناۋائىنىڭ بىر پارچە غەزىلى
بولسا ئىككىمىزنىڭ يۈزى ئەكسى سۇدا پەيدا،
ئول سۇ نەتەرەپ بارسا، ئاچىلغاي گۈلى رەئنا.
زۇلغۇڭ غەمى كۆڭلۈمنى بېلىڭ پىكرىگە سالدى،
كۆركىم، نە تەخەييۇلغە سالىپتۇر ئانى سەۋدا.
غەۋغا قىلۇر ئەل مەھۋەشلەر كويىدا لېكىن،
مەھۋەشلەر ئىشى قىلماق ئانىڭ كويىدە غەۋغا.
ئەھۋالىمە فەرھاد بىلە مەجنۇنغا تەئەججۇپ،
ئىشىق ئەتتى خىرەد ئەھلى قاشىدا مېنى رەسۋا.
ھەر سارى تاماشاغە كىم ئول شوخ قىلۇر ئەزم،
يوق ئاڭا تاماشاكى، ئېرۇر ئەلگە تاماشا.
دەۋران ساڭا زۇلم ئەتسە، قەدەھلەر تولا مەي ئىچ،
قان يۇتسەڭ ئاياغلار تولا، دەۋرانغە نە پەرۋا.
ئول شوخكى مەيدان ئارا كۆرگەنگە سالۇر تىغ،
كۆرمەسكە سالۇر يەتسە نەۋايى سارى ئەمدا.
مەنبە؛ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»
شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1981.يىلى 2.ئاي 1.بېسىلىشىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-10 22:44