كۆرۈش: 1375|ئىنكاس: 0

غەنىزات ﯰيغۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   base_download_att.jpg

غەنىزات ﯰيغۇر، 1979-يىلى 12-ﯪينىڭ 12-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا تۇغۇلغان.2000-يىلى 7-ئايداقەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ سىياسىي-قانۇن فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ،قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىلىق ﯮتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر ﯰ شىنجاڭ ﯰيغۇر ﯪپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ﯬزاسى.

     غەنىزات ﯰيغۇر 1993-يىلى 3-ﯪينىڭ 20-كۈنىدىكى «قەشقەر گېزىتى»نىڭ «ﯬدەبىيات گۈلزارى» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان«گۈزەللىك ئېلىپ» نامىلىق شېئىرى بىلەن ﯬدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن.شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر«تارىم» ژورنىلى، «جوڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلى، «تەڭرىتاغ» ژورنىلى،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى،«شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى، «تۇرپان» ژورنىلى،«يېڭى قاشتېشى»ژورنىلى،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژورنىلى، «قەشقەر ﯬدەبىياتى» ژورنىلى قاتارلىق ﯬدەبىي ژورناللاردا 280 پارچە شېئىر،نەسىر، ئىلمىي- نەزەرىيەۋىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. غەنىزات ﯰيغۇرنىڭ يەنە 100 پارچىدىن ﯪرتۇق ھۆسىنخەت، ماي بوياق رەسىم ۋە ھەيكەلتاراشلىق ﯬسەرلىرى ھەر دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ مۇكاپاتلانغان.     



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش