كۆرۈش: 1111|ئىنكاس: 0

ئابلىكىم ئەبەيدۇللا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   untitled.bmp

ئابلىكىم ئەبەيدۇللا،1968 – يىلى 1- ئايدا كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، 1990 – يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇڭگۇ تىل پاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن.ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ كۇچا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە تەرجىمان ، ناھىيىلىك رادىئو – تېلىۋىزىيە ئىدارىسىدە مۇخبىر ، مۇھەررىر ، ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە كادىر ، ناھىيىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ، دوڭقوتان بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، بىھىشباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، يېزا باشلىقى بولغان ، ھازىر ناھىيىلىك سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى پارتىيە باش ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە .
   ئابلىكىم ئەبەيدۇللانىڭ ئىجادىيىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا باشلانغان بولۇپ ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 60 پارچىغا يېقىن پوۋېست ، ھېكايىللىرى ، 30 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ، ھۆسنىخەت ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. كۇچا ناھىيىلىك ئەدەبيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن چىقىرىلغان 《 كۈسەن ناۋاسى  》 ، 《 زېمىننىڭ چۈشى 》 قاتارلىق توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن . 《 كىرپىك 》 ناملىق پوۋىستى 1997 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان 《سىرلىق قەلەندەر  》ناملىق پوۋېستلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.《 شىنجاڭ مەدەنىيىتى 》 ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئۈچ قىسىملىق 《 ھاراق 》 ماۋزۇلۇق ھېكايىسى كۇچا خەلق رادئىو ئىستانسىسى تەرىپىدىن تۆت قىسىملىق رادئىو ھېكايىسى قىلىپ ئىشلەنگەن . 2009 – يىلى 8 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 《 جەننەت چۈشى 》 ناملىق پوۋېست – ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلىنغان.
   ئابلىكىم ئەبەيدۇللا ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئيىتى ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى ، كۇچا ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش