شاۋكەت ئىبراھىم ، 1965 _يىلى 6_ئاينىڭ 24_كۈنى قورغاس ناھىيە كۈرە بازىرنىڭ دەريا كوچا كەنىتىدە تۇغۇلغان . 1988_يىلى 7 _ئايدا، شىنجاڭ 1- ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتوتىنىڭ دېھقانچىلىق كەسپىنى پۇتكۇزگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئىلى كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتقۇچىلىقخىزمىتى بىلەنشۇغۇللىنىپ كەلمەكتە .ئۇ 1985_ يىلى ئىلى گېزىتىدە ئىلان قىلغان«بۈيۈك ئارزۇ» ناملىق شېئىرى بىلەنبەددى ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت_ ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە ماقالىلەرنى ئىلان قىلغان .2009_ يىلى 3_ئايدا ياش_ ئۆسمۇرلەر نەشىرياتى ئۇنىڭ« ۋاراقلايمەن كۈمۈش ئاخشامنى » ناملىق شېئىر توپلىمىنى نەشىر قىلدى .