رۇقىيە ئابدۇللا 1972-يىلى 5-ئايدا كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر كۇچا ناھىيىلىك 5 -ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ھەم «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە تەكلىپلىك مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىمەكتە.
رۇقىيە ئابدۇللا 1990- يىللاردىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، ئاپتونوم رايۇن تەۋەسىدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا «ھەسرەتلىك تىنىقلار»، «قايسىمىز مەست»، «سۈۋەرەك»... قاتارلىق ھېكايىلىرى؛ «تۇمارىس»،«مۇھەببەت»،«فېۋرالنىڭ چۈشى»، «ئايال»...قاتارلىق داستان-شېئىر، نەسىرلىرى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان «بۈگۈنكى ياپونىيە، ئۈرۈمچى، كۇچار»، «مۇھەببەت چەكسىزلىكىدىكى ئاياللار ئۆزلۈكى»، «ئۆزلۈك بۇلۇڭدىكى بالىلار ۋە مائارىپ»، «تارىخ ۋە يىلتىز»... قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.