جانلىق، يېقىملىق ئوقۇلۇپتۇ،تۇنساگۈل ئاچامنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.
‹دېھقان شائىرى› دەپ نام ئالغان شائىرىمىز مۇھەممەتچان راشىدىن ئۆزىنىڭ ئاددىي، رىتىملىق، مەنىلىك ئەنئەنىۋى شېئىرلىرى بىلەن، شۇنداقلا بىر قىسىم مەزمۇنلۇق، ئاھاڭدارلىقى قۇيۇق ، ئۆلمەس ناخشىلارغا ئايلىنىپ كەتكەن، ياكى بىز ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان ناخشا تېكىستلىرىنىڭ ئاپتۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەلىب تۆرىمىزدىن يۇقىرى ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ پىشقەدەم شائىرىمىزنىڭ ئۆمرىگە بەرىكەت، ساقلىق تىلەيمەن.
|