كۆرۈش: 4234|ئىنكاس: 0

ئابدۇقادىر جالالىدىن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp

  ئابدۇقادىر جالالىدىن، 1964-يىلى مارتتا ھازىرقى قەشقەر شەھرىگە قاراشلىق بەشكېرەم يېزىسىدىكى بىر ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986- يىلى ئىيۇندا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
   1988- يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا، 2009- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
   ئابدۇقادىر جالالىدىن شىئېر، ماقالە، تەرجىمە ۋە دەرسلىك قاتارلىق تۈرلەردىن تەشكىل تاپقان يىگىرمە پارچىدىن ئارتۇق كىتاپنىڭ ئاپتورى. بۇ كىتاپلار تېما جەھەتتىن سىياسىي، پەلسەپە، ئېستېتىكا، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، مائارىپ، فولكلور قاتارلىق ساھەلەرگە تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەمگەكلىرى تۆۋەندىكىچە:
   شېئىرلار:
  ﹡«شاراپ تومۇرى» شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1993- يىلى ئۈرۈمچى.
  ﹡«كۆيگەن دېڭىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001- يىلى ئۈرۈمچى.
  ﹡«قىشتىكى خامان» شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012- يىلى، ئۈرۈمچى
  ﹡«ئۆلۈم رەزىل ئەمەس»، (تەرجىمە شىئېرلار)، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012- يىلى، ئۈرۈمچى.
   ماقالىلەر توپلىمى:
  ﹡«ئەقىل مېۋىسى ۋە شەيتان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1995-يىلى، قەشقەر
  ﹡«ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى، ئۈرۈمچى.
  ﹡«ئىنسانى سۈپەت مەنزىلى»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012-يىل، ئۈرۈمچى.
   ساياھەتنامىلەر:
  ﹡«ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل، ئۈرۈمچى.
  ﹡«مەۋجۇدادلىق تەشنالىقى»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012-يىل، ئۈرۈمچى.
   تەرجىمىلەر:
  ﹡«سوقراتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى»، «ئەپلاتون دىئالوگلىرى» (ئەركىن ئىبراھىم بىلەن بىرگە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996-يىل، ئۈرۈمچى.
  ﹡«زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىل ئۈرۈمچى.
  ﹡«ھۆكۈمدارلار دەستۇرى»، (ئاپتورى: ماكىياۋىللى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىل، ئۈرۈمچى.
  ﹡«غەربنىڭ تەپەككۇرى»، (ئاپتورى: م. ئادلېر)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004- يىل، ئۈرۈمچى.
  ﹡«قىزىل خەت»، (ئاپتورى: ن. خاۋسورن)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2009- يىل، ئۈرۈمچى.
  ﹡«پەزىلەت گۈلىستانى» (ئاپتورى: شىياۋلىڭ دىڭداڭ)، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2004- يىل، ئۈرۈمچى.
  ﹡«ھايۋانلار قورۇقى»، (ئاپتورى: گ. ئورۋېل)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2012- يىل، بېيجىڭ.
  ﹡«غايىۋى دۆلەت»، (ئاپتورى: ئەپلاتون)، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012-يىلى، ئۈرۈمچى.
   تۈزگەن كىتاپلار:
  ﹡«تىل-ئەدەبىيات» (ئۇيغۇر مەكتەپلىرى تولۇقسىز 1- يىللىق ئىككىنچى قىسىم، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن)، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2003- يىل، ئۈرۈمچى.
  ﹡«يېزىقچىلىق» (يانداشما مەشىق، تولۇق 3- يىللىقلار ئۈچۈن)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003- يىل، ئۈرۈمچى.
  ﹡«تىل-ئەدەبىيات» (ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنچى يىللىقلار ئۈچۈن، يالقۇن روزى بىلەن بىللە تۈزگەن)، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2008- يىل، ئۈرۈمچى.
  ﹡«ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىسىدىن ئاساسلار» (ئالىي مەكتەپ ئوقۇشلۇقى، باشقىلار بىلەن بىرگە تۈزگەن) شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2003- يىل، ئۈرۈمچى.
   ﹡«قەشقەردىكى يەر شارى»، (كوللىكتىپ ئاپتورلانىڭ شېئىرلىرىدىن، باشلامچى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2000- يىل، ئۈرۈمچى. (ئاپتورنىڭ بۇ توپلامنىڭ «خەنزۇچە نەشرىي بولمىش "飞石" نىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش خىزمىتىنىمۇ ئۆتىگەن)
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر قىسىم ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. يەنە بىر قىسىم شىېئىرلىرى ئۆزبىكىستان ۋە قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى تۈرلۈك ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە كۆپلىگەن سۆھبەتلەر ۋە بايانلارغا ئىشتىراك قىلغان. ئۇ بىر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى سۈپىتىدە دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەنجۈمەنلىرىدە، ئىلمىي ئەنجۈمەنلەردە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ئاتا-ئانا يىغىنلىرىدا، مائارىپ مەسئۇللىرى ۋە ئىشچى-كادىرلار كۇرسلىرىدا ئىككى يۈز مەيداندىن ئارتۇق نوتۇق سۆزلىگەن.
ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەمگەكلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق ھەر دەرىجىدىكى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:43  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش