ئېلى نىياز (دەرمانى) 1969 – يىلى باي ناھىيىسى سايرام يېزىسىدا تۇغۇلغان . ھازىر ناھيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدۇ . ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1985 – يىلى باشلانغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، ھېكايە ، نەسىر ، ناخشا تېكىستى ، كۈلدۈرگە ، ئەدەبىي خاتىرە ، ئىلىمىي نەزەرىيىۋى ماقالە ھەم تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان . ‹‹ تارىم ناۋاسى ›› ، ‹‹غايىپ بولغان قەھرىمان›› قاتارلىق توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن . بىر پارچە ناخشا تېكىسىتى مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، بىر بۆلۈك شېئرلىرى ئاپتۇنۇم رايون ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە 1 – 2 – 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .
ئۇ ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.