ئەكبەر غولام 1952 يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان.1975-يىلى شىنجاڭ ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. << شىنجاڭ گېزىتى>>ئىدارىسىدە مۇخبىر،تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن.1982-يىلدىن باشلاپ جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتى<< مىللەتلەر ئەدەبىياتى>>ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە تەھرىر،2 -تەھرىر بۆلۈمنىڭ تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى،1-تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى،جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
ئۇ 1975-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان.1991-يىلى جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان << يامغۇردا قالغان سۆيگۈ>>،21قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى << نەسىردىن ئەپەندى>>،4قىسىملىق شېئىرى بەدىئىي سەنئەت فىلىمى << تەڭرىتاغ ناخشىسى>>، ئالتە قىسىملىق <<نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى جەۋھەرلىرى>>،<<سەيپىدىن ئەزىزى خاتىرىلىرى>>(سۈرەتلەر توپلىمى)، ئون ئۈچ توملۇق << ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى>>،<< ھايات ئىزلىرى>> ،ھېكايىلەر توپلىمى <<قەھرىمان ئوغۇل >>،ئۇنىڭ باش تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تارىخىي سۈرەتلەر توپلىمى << يىللار مەنزىرىسى >>،ئۇ تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى قامۇسى>>قاتارلىقلار بار.ئۇ 1999-يىلى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرجىمە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا تۇلپار ئەدەبىيات موكاپاتىغا،2002-يىلى مەملىكەتلىك تىلۋىزىيە -سەھنە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك موكاپاتقا ,تەرجىمە ئەسەرلىرى ئۇدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات موكاپاتى»غا ئېرىشكەن.