ablipiz idiris يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 17:38
ھەقىقەتەن توغرا گەپ، يازغۇچىلار مۇنبىرى بولغان ئىكەن ...
بۇ قانداقتۇر ئەسلى -نەسلىنى ئۇنتۇپ ،باشقا ئىسىمدا كىرگەن ئىش ئەمەس، بەلكى دەل مۇشۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئەخلەت»گەپلىرىنى دەۋېلىش ئۈچۈن ئەتەي ئۆز ئىسمىدا كىرمىگەن.ئۆز ئىسمىدا كىرسە باشقىلارنى نەشتەر چىقىرىپ «چاقالمايدۇ» .
نەچچە ۋاقىتتىن بەزى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ شۇنچىلىك ھەيران قالدىم. شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى «ئېتى ئۇلۇق، سۇپرىسى قۇرۇق» جايغا ئايلىنىپ قالغانمىدۇ؟ نېمىشقا ئەخلەت ئىنكاسلارنى تازىلايدىغان ئادەم يوق؟ نېمە سەۋەپتىن شەخسنىڭ كۆڭلىگە تېگىدىغان گەپلەرنى يازىدۇ؟
بۇندىن كېيىن ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ باشقىلارغا ئازار بولىدىغان گەپ-سۆزلەردىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-18 16:31