«مەڭگۈلۈك سېغىنش» ۋە «مەڭگۈلۈك سېغىنش ھەققىدىكى
دەسلەپكى مۇلاھىزە» توغرىسىدا
سۇلايمان سايىت
مۇنبەردىكى كونا-يېڭى تېمىلارنى ئارىلاۋېتىپ، «مەڭگۈلۈك سېغىنىش ھەققىدىكى دەسلەپكى مۇلاھىزە» دېگەن بۇ ماقالىگە (تۆۋەندە«مۇلاھىزە» دەپ قىسقارتىپ ئاتايمىز) كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئەينى چاغدا «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق پوۋېسىتنى «قەشقەر»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژورناللاردىن تەكرار ئوقۇغانلىقىم، ئەسەرنىڭ بەدىئى مۇۋەپىقىيىتىگە قايىل بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ پوۋېستتىن ئالغان تەسىراتىم بىلەن «مۇلاھىزە»دىكى بەزى كۆز قاراش، باھالارنى سېلىشتۇرۇپ ئىككى ئېغىز پىكىر قىلغۇم كەلدى. چۈنكى «مۇلاھىزە» نەزىريىۋىلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك، قۇرۇلمىسى خېلى پۇختا، چوڭقۇر ئىزدىشىن روھىيغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، يەنىلا يۈزەكىلىكتىن، بىر تەرەپلىملىكىتىن ساقلىنالمىغان. «مۇلاھىزە»نىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدە مەنبەلەردىن سىتاتا ئېلىنىپ، پىروزا ئىجادىيىتىنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى شەرھىلەشكە تىرىشقان، بىر قىسىم نەزىريىۋى ئۇقۇملاردىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن، «مۇلاھىزە»نى ئىلمىيلىككە ئىگە قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەستايىدىل سلېىشتۇرۇپ كۆرگىنىمدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن بۇ قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ پوۋېسىتتىكى «سەۋەنلىك، خاتالىق، مەنتىقىسىز لىك» دەپ قارالغان مەزمۇنلار بىلەن ھېچبىر باغلىنىشى يوقىلىقىنى، «خاتالىق دەپ كۆرسەتكەن مەسىلىلەرنى پاكتلىق، قايىل قىلارلىق ئىسپاتلاپ بەرمەستىن «چوڭقۇرلاپ مۇلاھىزە قىلىشقا توغرى كېلىدۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىغا قالدۇردۇم...» دېگەندەك مۇجىمەل كۆزقاراشلار بىلەن تۈگەللەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى ئەدەبىات-سەنئەت ھادىسلىرىگە باھا بېرىدىغان ئەدەبى تەنقىدچى ئەدىبلەرنىڭ دوستى، ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ بىر قانىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى باھا بەرمەكچى بولغان ئەدەبىيات- سەنئەت ھادىسسىنى يازغۇچى-شائىردىنمۇ يۇقىرى بولغان ئىسمۇسىيەدە تۇرۇپ باھالاش، يازغۇچى، شائىر ۋە ئوقۇرمەنلەر ھېس قىلالمىغان ئىددىيىۋىلىك ۋە بەدىئىلىك مەسىلىلىرىنى، ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئىلمى كۆرسىتىپ، ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇنداق ساپانى ھازىرلىماي تۇرۇپ ئوقۇرمەندىنمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغان تەنقىدچى ئارمانغا چۈشلۇق دەرمانى يوق، ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان تەنقىدچى بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق تەنقىدچىنىڭ باھاسى مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ. بۇ جەھەتتىكى كۆزقاراشلىرىمنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتا ئاساسىدا «مۇلاھىزە» ئاپتۇرى ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
بىرىنچى، زىيادە خاھىشچانلىق تۇيغۇسى ۋە بۇرمىلاش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. «مۇلاھىزە»دە ئالدى بىلەن پوۋېسىتقا ئومومى جەھەتتىن ئىجابى باھا بېرىلىپ، ئەسەر مەزمۇنى يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلانغان. ھالبۇكى خۇلاسىدە ئەسەردىكى ئاساسى پېرسۇناژ «مېھمان» ئابدۇلھىمىتخان ۋە ئۇنىڭ كۆزئالدىدىكى ئىجتىمائى مۇھىت نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق ئەسەرگە قىستۇرۇلغان تەپسىلات- «ئابدۇلھىمىتخاننىڭ بوۋىسىنىڭ قەشقەردىن مال ئېلىپ كابۇلغا كارۋان تارتىپ ئاندىن ھىندىستان ئارقىلىق خوتەنگە ئۆتۈپ تىجارەت قىلىدىغانلىقى، كېيىنچە ۋەزىيەتنىڭ تىنىچسىزلىقى تۈپەيلىدىن كابولغا كېتەلمەي تۇرۇپ قالغانلىقى...» دەك ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈش ئەسەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى سۈپىتىدە خۇلاسىلەپ قويۇلغان. بۇ «مۇلاھىزە» ئاپتۇرىنىڭ مەزكۇر پوۋېسىتنىڭ ئىددىيىۋى مەزمۇنىنى، بۇ مەزمۇنغا يوشۇرۇنغان مۇھىت يارىتىپ بېرىۋاتقان ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشنى توغرا ئاڭقىرالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. پوۋېسىتنى چۈشىنىپ ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، ئەسەردىكى «مېھمان» ئابدۇلھىمىتخاننىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئانىسىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت مەركىزى ئىددىيە ئاساسى سۇژىت، مۇشۇ سىئۇژىتقا يانداشقان ئۇرايىم ھاجى ھەققىدىكى بايانلار ئەسەرنىڭ ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشى ئىدى. دېمەك «مۇلاھىزە» دە بىر تەرەپلىمە ھالدا ئەسەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بىلەن ئەسەرنىڭ ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىلگەن.
ئىككىنچى، پوۋېسىتتىكى ۋەتەن ئۇقۇمى تار مەنىدىكى يۇرت ئۇقۇمىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان. ۋەتەن ئۇقۇمى ۋە ئوۇرمەنلەرگە قالدۇرۇلغان تەپەككۈر بوشلۇقى «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق بۇ پوۋېسىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئىدى. پوۋېسىتتا باشتىن ئاخىرى «مېھمان» ئانىسىنى ئىزدەۋاتقان بۇ شەھەرنىڭ زادى قايسى شەھەر ئىكەنلىكىنى ھەققىدە ئاپتۇر ياكى پېرسۇناژ تىلىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمەيدۇ. پەقەت ئابدۇلھىمىتخاننىڭ ئەسلىمىسىدىكى ئۇنىڭ بوۋىسى ئۇرايىم ھاجىنىڭ قەشقەردىن مال ئېلىپ كابۇلغا كارۋان تارتىپ ئاندىن ھىندىستان ئارقىلىق خوتەنگە ئۆتۈپ تىجارەت قىلىدىغانلىقىدەك قىسقا باياندا «قەشقەر» دېگەن ئېنىقلىما كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى پوۋېىست ئاپتۇرنىڭ نەزىرىدىكى «مېھمان»ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى شەھەر تار مەنىدىكى قەشقەر ياكى تارىختا «ئالتە شەھەر» دەپ ئاتالغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولماستىن بەلكى ئۇ بىر ئۆمۈر سېغىنغان، تەلپۈنگەن، زارىققان، قوينى كەڭ ئۇلۇغ ۋەتەندۇر. ھالبۇكى «مۇلاھىزە» ئاپتۇرى «مېھمان» ئانىسىنى ئىزدەۋاتقان بۇ شەھەرنى ئالدىراپ-تېنەپلا «قەشقەر» دەۋېلىپ، «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ياراتقان كەڭ مەنىدىكى ۋەتەن ئۇقۇمىنى ئۆز خاھىشى بويىچە تارايتىپ مەزكۇر پوۋېسىتنىڭ بەدىئى ئەسەرلىك خۇسۇسيىتىنى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئاساستا ئاخبارات ئەسىرى تىپىگە بۇراپ قويغان، شۇ ئارقىلىق «مۇلاھىزە» مەزمۇنىدا زىتلىق پەيدا قىلغان. بۇ خىل خاتا خاھىش ئەسلى ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەگە ئاتا قىلغان تەپەككۈر بوشلۇقىنى بوغۇپ قويىدۇ خالاس.
ئۈچىنچى، پوۋېسىتنىڭ ماۋزۇسى ھەققىدىكى كۆزقاراش مۇجىمەل بولۇپ قالغان. «مۇلاھىزە» دە پوۋېسىتنىڭ ماۋزۇسى ھەققىدە بىر تالاي پىكىر يۈرگۈزۈلگەن، مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلماقچى بولغان، بىراق ئەسەردىن ئېلىنغان مىساللار، تەھلىللەرنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە ھېچقانداق قايىل قىلارلىق يەكۈن چىقىرىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. «مۇلاھىزە»گە قاراپ باقايلى:«ئەگەر ئاپتور ئوغۇلنىڭ ئايرىلىش ھىجرانىنى بۇ 50 يىلغا باغلىمىغان بولسا ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى بەكرەك ئۆزىگە تارتمىغان بولاتتى... دېمەك، «مەڭگۈلۈك» دېگەن سۆز بىلەن «50» يىل دەماللىق ئۆز-ئارا جىپسىلشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەسەر مەزمۇنى بىزنى يەنىلا كۆپ تەرەپلىمە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە ئۈندەيدۇ». بۇ يەردە «مۇلاھىزە» ئاپتۇرى ئۆزىنىڭ مەزكۇر پوۋېسىتقا باھا بېرىۋاتقان تەنقىدچى سۈپىتىدە قەلەم تەۋرىتىۋاتقانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ مۇخبىر زىيارەت قىلىۋاتقاندەك پوزىتسىيە بىلەن ئوتتۇرغا چىقىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، «مۇلاھىزە» ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان مەسىلە توغرىسىكى كۆزقارىشى ئىنتايىن مۇجىمەل شۇنداقلا ئېنىق بىر يەكۈن يوق. ئۇ سۆز ئويۇنى قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىمۇ ھېس قىلالمىغان مەسىلىگە ئۈندەيدۇ. قارىغاندا مۇلاھىزە قىلغۇچىنىڭ نەزىرىدە پوۋېسىتتا تەسۋىرلەنگەن يېرىم ئەسىرلىك سېغىنىش–يېرىم ئەسىردە ئاخىرلاشسا ئاندىن «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» بولسا كېرەك!
تۆتىنچى، «مېھمان دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتلىشىدە خاتالىق بار» دېگەن مەسىلە. بىزدە ئىسمىنى بىلمەيدىغان، ناتونۇش كىشىلەرنى «مېھمان» دېگەن ھۆرمەت سۆزى بىلەن ئاتاشتەك ئېسىل ئەنئەنىۋى ئادەت بار. ئەسەردىكى ۋەتەن تۇپرىقىغا قەدەم قويغان «مېھمان» ئابدۇلھىمىتخان ئالتە ياش ۋاقتىدا بېشىغا كۈن كېلىپ ۋەتەندىن ئايرىلغان. 56 ياشقا كىرگەندە ۋەتەن تۇپرىقىغا قايتا قەدەم بېسىشقا نېسىپ بولغان. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىسمى، سالاھىتى تېخىچە ناتونۇش. شۇنداق ئىكەن ئۇ ۋەتەنگە، ۋەتەنداشلارغا مېھمان. ئۇ «يېگانە بېلىقتەك دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۈزۈپ، قۇرغۇيدەك تاغ داۋانلاردىن ئۇچۇپ، يىراقتىن-بەكمۇ يىراقتىن كەلگەن» ئىكەن ئەلۋەتتە ھەممىگە مېھمان. بىز (ئوقۇرمەنلەر) ئۇ ناتۇش كىشىنىڭ ئەسلىدە ۋەتەننىڭ ئوغلى، سائادەتخېنىمنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى كېيىنرەك بىلدۇق. ئەگەر ئاپتۇر تۈز بايان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئابدۇلھىمىتخاننى ناتۇنۇش مېھمان سۈپىتىدە تەسۋىرلىمەستىن ئەسەرنىڭ بېشىدىلا تونۇشتۇرۋەتكەن بولسا، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى، بەدئى كامالىتى بۇنچىلىك سەۋىيەگە يەتمىگەن، جەلىپ قىلىش كۈچىمۇ بولمىغان بولاتتى. دېمەك بۇ پوۋېسىتتا «مېمان» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتلىشىدە خاتالىق بار» دېيىشنىڭ ئاساسى يوق.
بەشىنچى، پوۋېسىتنىڭ بايان ئۇسلۇبىدىكى خاسلىق «تەكرارلىق» دەپ قارالغان. پوۋېسىتنى ئوقۇغانلارغا مەلۇمكى، ئەسەردە باشتىن ئاخىرى ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغىلى نۇرغۇن يىللار بولغان بىر ئوغۇلنىڭ يىراق ئەللەردىن كېلىپ ئانىسىنى ئىزدپ رىئازەت چېكىشتىن ئىبارەت بىر خىل ئېغىر ئىجىتىمائى رىئاللىقنىڭ سايىسى ئەگىپ تۇرىدۇ. بىز`بۇنىڭدىن پوۋېسىت ئاپتۇرىنىڭ ئۆزىگە تەسىر قىلغان مەلۇم ئىش-ۋەقە، ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرمىشىگە ئاساسەن بەدىئى توقۇلما ئىچىدە قەلەم تەۋرەتكەنلىكىنى ھىس قىلالايمىز. مەلۇمكى ئەسەردىكى باش پېرسۇناژ ئابدۇلھىمىتخان يىراق ئەللەردىن ئانىسىنى ئىزدەپ كېلىپ ۋەتەن تۇپرىقىغا قەدەم قويىدۇ. ئابدۇلھىمىتخان دەسسەپ تۇرغان تۇپراق گەرچە ئۇنىڭ ۋەتەندىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئانىسى بولسىمۇ لېكىن ھەقىقى مەنىدىكى ئانىسىنىڭ ھايات-ماماتلىقىدىن ئىبارەت تەشۋىشلىك سۇئال ئۇنى توختاۋسىز قىيناپ تۇرىدۇ. ئەسەردە تەسۋىرلەنگىنىدەك ئابدۇلھىمىتخاننىڭ ئانىسىدىن ئايرىلغىنىغا يېرىم ئەسىر بولغان. بۇ يېرىم ئەسىر جەريانىدا ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىماكنىيىتى بولمىغان. دېمەك بۇ خىل ئېغىر ئىجتىمائى رىئاللىقنىڭ بەدىئى تەپۈككۈر ئالىمىگە سىڭىپ كىرگەن ئاپتۇر «مېھمان» بىلەن تەڭ ئېغىر- ئېغىر تىنىدۇ، ئويلىنىدۇ، ئازاپلىنىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ ئەسەردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئوخشىتىش، تەكرارلاش، تەڭداش كۈچەيتمە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلغان. بۇ خىل ئۇسۇلغا قارىتا مۇنبەردىكى توردىشىمىز مۇنىرە مۇنداق دەيدۇ: «ئەسەردە «مېھمان» سۆزىنىڭ باش كىلش ، ئىگلىك كېلىش، چۈشۈم كېلىش قۇشۇمچىلىرى ئۇلانغان شەكىللىرى 234 قېتىم ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ ، مەزكۇر سۆز كۈپىنچە ئۇرۇنلاردا ئۈچىنچى شەخستىكى «ئۇ» دىگەن ئالماشنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ، مەزكۇر ئەسەرنى بايان ئۇسلۇبى جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلغان، شۇنداقلا ئەسەرنى كۈچلۈك جانلاندۇرۈغان. بۇنىڭدىن سىرت، «يىگانە بېلىقتەك دېڭز-ئوكيانلاردا ئۈزۈپ، قۇرغۇيدەك تاغ-داۋانلاردىن ئۇچۇپ ئۈتۈپ ،قىتئەلەردىن ھالقىپ ....» دىگەن جۈملە مۇشۇ ھالەتتە تۆت قېتىم، سەل قىسقارتىلغان شەكىلدە ئۈچ قېتىم ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ، باش پىرسوناژنىڭ تۇلۇپ تاشقان ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان». مېنىڭچە بۇ باھا «مۇلاھىزە»ئاپتۇرىنىڭ ئېغىپ كەتكەن خاتا باھاسىغا يېتەرلىك جاۋاپ بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگەە «تەكرارلاش» دېگەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىنىڭ ئىسمىدىنمۇ مەلۇمكى، زۆرۈر بولغاندا تەكرار ئوي-پىكىرنى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرگەندە تەكرارلاش ۋاستىسىنى قوللىنىش كېرەك. بۇنىڭغا چەك قويۇلمايدۇ. پەقەت تەكىتلىمەكچى بولغان مەسىلە گەۋدىلەنگەنگە قەدەر تەكرارلاشقا بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئوخشىتىش، تەكرارلاش، تەڭداش كۈچەيتمە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ بەدىئىلىكىنى نامايەن قىلىش ئابدۇكېرىم قادىر ئىجادىيىتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان «ئاخىرقى كېمە» ھېكايىسى، «يىگانە قارلىغاچ» پوۋېسىتى، «گۇناھ» رومانىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسلۇپنى «زىيادە تەكرارلىق» نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
ئالتىنچى، پوۋېسىتنى « پوۋېسىتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك تەلىپىدىن يىراق» دەپ قاراش. «مۇلاھىزە»دە «بۇ پوۋېسىت پوۋېسىتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك تەلىپىدىن بىر قەدەر يىراق دەپ قارايمەن» دېيىلگەن. بۇنداق قاراشقا سەۋەپ بولغان مەسىلە «ئابدۇلھىمىتخاننىڭ بىرنەچچە ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئانىسىنى توختىماي ئىزدىشى نەتىجىسىدە 50يىل ئايرىلغان ئانا-بالا ئاخىر جەم بولغانلىقى» ئىكەن. مۇلاھىزە ئاپتۇرى بۇ يەردە پوۋېسىتنىڭ مەزمۇنى ئاددى ياكى بىر تالاي زىددىيەت توقۇنۇش، سەۋەپ –نەتىجە مۇناسىۋېتى ئەكىس ئەتتۈرۈلمىگەن دېمەكچى بولسا كېرەك.
ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق پوۋېسىت قۇرۇلما جەھەتتە چېكىنمە بايان ئۇسۇلىنى قوللانغان، يەتتە بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان، قۇرۇلمىسى پۇختا، سىئۇژىتى مۇكەممەل ئەسەر. ئەسەردە ئابدۇلھىمىتخان، سائادەتخېنىم، ئابدۇرېھىم ھاجى، ئۇرايىمھاجى قاتارلىق ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە پېرسۇناژلارنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ھايات كارتىنسى بىر پارچە يارقىن رەسىمدەك ماھىرلىق بىلەن سىزىپ چىقىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆزئالدىدا نامايەن قىلىنغان بولۇپ، ھېكايدىن مۇرەككەپ ۋە كەڭ دائىرلىك، روماندىن تارراق بولغان تۇرمۇش كارتىنىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن. پېرسۇناژلىرىمۇ روماننىڭكىدەك كۆپ ئەمەس، ھېكايدىن كۆپ. شۇنداق ئىكەن مەزمۇن، بەدىئىلىك نۇقتىسىدىنمۇ «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشىش لاياقىتىنى ھازىرلىغان نادىر پوۋېسىتتۇر. پوۋېسىتتا «مۇلاھىزە» ئاپتۇرى ئېيىتقاندەك «ئابدۇلھىمىتخاننىڭ بىرنەچچە ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئانىسىنى توختىماي ئىزىدىشى نەتىجىسىدە 50يىل ئايرىلغان ئانا-بالا ئاخىر جەم بولغانلىقى» ئاساسى مەزمۇن؛ ئابدۇلھىمتىخاننىڭ بوۋىسى، دادىسى قاتارلىق ئەجداتلىرىنىڭ ئەينى چاغدا قەشقەردىن مال ئېلىپ كابۇلغا كارۋان تارتىپ ئاندىن ھىندىستان ئارقىلىق خوتەنگە ئۆتۈپ ئايلىنىپ يۈرۈپ تىجارەت قىلىدىغانلىقى، كېيىنكى كۈنلەردە ۋەزىيەتنىڭ تىنىچسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئاتا-بوۋىسىنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ قالغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن بىر قاتار تىراگدىيىلەر يۈز بېرىپ ئابدۇلھىمىتخان ئانىسىدىن ئايرىلىپ دادىسى بىلەن كابۇلغا كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى، ئارىدىن يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەندە ۋەتەن تۇپرىقىغا قايتا قەدەم بېسىپ ئانىسىنى تاپقىچە بولغان ئارلىقتا يېرىم ئەسىرلىك ھىجران ئازابىنى باشتىن كۆچۈرگگەنلىكىدەك بىر قاتار تەپسىلاتلار پوۋېسىتنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسى سىئۇژىت بولسىمۇ، لېكىن مۇلاھىزە ئاپتۇرى پوۋېسىتنىڭ ژانىرى ئۈستىدە توختالغاندا ئۆزى يىغىنچاقلاپ چىققان ئەسەر مۈزمۇنى بىلەن ئەسەرنىڭ ئاساسى سىئۇژىتنى تەشكىل قىلغان ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئاڭسىز ھالدا بىر-بىرىدىن ئايرۋېتىپ ، پوۋېسىتنى «جىلۋە خاراكتىرلىك مەزمۇنلار كەم ئۇچرايدىغان»، «پوۋېسىتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىيدىلىك تەلىپىدىن بىر قەدەر يىراق بولغان»، «ۋەقەلىك قۇرۇلمىسى ئاددى»، ئەسەر قاتارىغا چىقىرىدۇ. بۇ يەردە «مۇلاھىزە» ئاپتۇرى ئۆزى ئايرىم-ئايرىم شەرھىلەپ بەرگەن پوۋېسىتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بىلەن ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئايرىۋەتكەن ۋە يەڭگىلتەكلىك بىلەن يۇقارقىدەك يەكۈن چىقىرىۋالغان.
يېرىم ئەسىرلىك جۇدالىق، يېرىم ئەسىرلىك سېغىنىش، يېرىم ئەسىرلىك تىراگدىيە شۇنداقلا چىن ھېسسىيات، چىن تەپسىلاتلار بۇ پوۋېسىتنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئىدى. بىراق «مۇلاھىزە»گە يەنە قانداق «جىلۋە خاراكتىرلىك تەپسىلاتلار» كېرەك؟ بۇمۇ «مۇلاھىزە» ئاپتۇرى ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە.
يەتتىنچى، ئىجتىمائى تېىمدىكى بەدىئى ئەسەرگە تارىخى ئەسەر ئۆلچىمىنى قويۇۋېلىش. «مۇلاھىزە»نىڭ بەشىنچى بۆلىكىدە « ئاپتۇر ئەسەردە تىلغا ئالغان يىللار زادى قايسى تارىخى دەۋىرىنىڭ مەھسۇلى؟ دېگەن سۇئال ۋە بىرمۇنچىلىغان يىلنامە مۇلاھىزىلىرى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. بىلىش كېرەككى، زامان، ماكان ئۇقۇمىدىن ھالقىپ ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە، بۈگۈننى كەلگۈسىگە باغلاش بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ئۇرخان پامۇك «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق رومانىدا كامالەتكە يەتكەن قەلەم ماھارىتى ئارقىلىق ئوسمانلى ئىمپريەسى دەۋرىدىكى ئىستانبوللۇق رەسساملار تائىپىسىنىڭ ئىجادىيەت ۋە ھايات كەچۈرمىشلىرىنى بۈگۈنگە باغلىغان ۋە ئىبرەت قىلغان. مويەن «ئوتخور جەمەت» ئارقىلىق ھازىرقى روھىيىتى چىركىن كىشىلەرنىڭ يىلتىزىنى ئۆتمۈشتىكى فىئۇداللىق جەمئىيەتتىن ئىزدىگەن. دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسى بىردەك ئېتراپ قىلغان بۇ مەشھۇر ئەسەرلەردىكى تەپسىلاتلارنىڭ يىل، ئاي كۈنى ئىزاھلانمىغان. خۇددى شۇنىڭدەك «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق پوۋېسىتمۇ بۈگۈنكى جۇدالىق، ھىجران ئازابىنىڭ نىداسىنى يېرىم ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى قارڭغۇ كۈنلەردىن ئاڭلىتىدۇ. قەلبىمىزنى مۇڭغا سالىدۇ. ئەپسۇسكى «مۇلاھىزە»دە پوۋېسىتقا نىسبەتەن بىرتەرەپلىمە ھالدا تارىخى ئەسەر ياكى ئاخبارات ئەسەرلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى قويۇۋېلىپ «زادى قايسى يىل، قايسى تارىخى دەۋىرنىڭ مەھسۇلى؟» دېگەنلەرنى مۇلاھىزە قىلىدۇ. ھەتتا ئەخمىقانە ھالدا «ئەگەردە 50 يىل دەپ ئاتاش توغرا دېيىلسە، بۇ ئەسەر 2016-يىلى يېزىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلسا تارىخى رىئاللىققا ئۇيغۇن بولاتتى» دەپ كۈلكىلىك ھىساپ-كىتاپ ئىشلەپ باقىدۇ. پوۋېسىتنى ئوقۇغان كىشىگە ئايانكى، ئەسەردىكى ئابدۇلھىمتخاننىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ۋاقتى دۆۋلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللارغا توغرى كېلىدۇ. مۇشۇنداق ھېساپلىغاندا ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ، ئانا-بالىنىڭ ۋەتەندە جەم بولۇشنىڭ يىلنامىسىگە توغرى كەلمەيدىغان ھېچقانداق سەۋەبى بولمايدۇ.
بىلىش كېرەككى، پوۋېسىت ئاپتۇرى ئۆز ئەسىرىنى «تارىخىي پوۋېست» دېمىگەن. بۇ تېمىنى تارىخى پوۋېست قىلىپ يېزىپ چىقىشنىمۇ ئويلىمغان. كونكىرىتنى ۋاقت ئېنىقلىمىسى، يۇرت ئۇقۇمىنى ئەمەس، مەلۇم دەۋىر ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ۋەتەن ئۇقۇمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئوقۇرمەنلەرگە خېلى كەڭ تەپەككۈر بوشلۇقى قالدۇرغان. ئەسەردىكى ئابدۇلھىمىتخاننىڭ ئەسلىمىسىدىكى تىراگدىك كەچمىشلەر، دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ تۈرمىدىن چىقىرىلىپ بىر قىسىم مۇھاجىرلار بىلەن چەتئەلگە ھەيدىلىشى تارىخى ئېنىقلىما نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئالتە ياشلىق ئابدۇلھىمىتخاننىڭ كۆڭۈل كۆزى ئارقىلىق ئاددى، يېنىك تىلدا بايان قىلىنىپ، ئەينى يىللىرى خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلىك كۈنلەردىن بىشارەت بېرىلگەن. بۇ ئارقىلىق ئەسەرنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلغان. «مولاھىزە» دە بولسا، تار مەنىدىكى زامان، ماكان ئۇقۇمىغا ئېسىلىۋېلىپ پوۋېسىتنىڭ بەدىئى كامالىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.
سەككىزىنچى، «مۇلاھىزە»دە پوۋېسىتتىكى بەزى سۆز- جۈملىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈستىدە توختىلىپ « لوگىكىلىق مەنتىقىسىزلىك بار» دېيىلگەن. مەلۇمكى پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ بايان تىلى كۆپ خىل شەكىلدە قوللىنىدۇ. بەزى ئەسەرلەردە ئاپتۇرنىڭ بايان تىلى پېرسۇناژنىڭ ھېسياتىدىن خالى بولىدۇ. پېرسۇناژنىڭ ئوي-پىكىرىنى- شۇ پېرسۇناژنىڭ تىلى، ئوي-خىياللىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بەزى ئەسەرلەردە بولسا ئاپتۇرنىڭ بايان تىلى پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى ھېسياتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەردە ئاپتۇرنىڭ روھىي دۇنياسى ئۆزى يېزىۋاتقان ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئادەملەر بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭ بايان تىلى شۇ ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ تىلىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. شەئىيلەرنى كۆزەتكەندە شۇ پېرسۇناژنىڭ كۆزىدە كۈزىتىدۇ. ئويلىغاندا شۇ پېرسۇناژنىڭ قەلبىدە تۇرۇپ ئويلايدۇ. سۆزلىگەندە يەنە شۇ پېرسۇناژنىڭ تىلىدا سۆزلەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا يېزىلغان ئەسەرلەردە يارىتىلغان پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازى يارقىن، ھېسسىيات كۈچلۈك، ئىش-ۋەقەلەر تەسىرلىك، چىنلىق تۇيغۇسى يۇقىرى بولۇپ ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە بېرىدىغان ئىستېتىك زوقى چوڭقۇر، ئىجتىمائى ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» دەل مۇشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەسەر بولۇپ، ئاپتۇر ئەسەردىكى پېرسۇناژلار جۈملىدىن ئابدۇلھىمىتخاننىڭ روھى دۇنياسىدا تۇرۇپ كۆز ئالدىدىكى ئىجتىمائى مۇھىتنى، شەئىيلەرنى، ئادەملەرنى كۈزىتىدۇ، ئويلايدۇ، سۆزلەيدۇ. ئەسەردىكى ئابدۇلھىمىتخان بەزىدە بۇ شەھەرگە ئەمدىلا قادەم باسقان «مېھمان» سۈپىتىدە، بەزىدە ئۆزىنىڭ ئەسلمىسىدىكى ئالتە ياشلىق بالا سۈپىتىدە كۆزئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ. يازغۇچىمۇ ئابدۇلھىمىتخاننىڭ كەچمىشىگە ئەگىشىپ ھېلى چەتئەلدىن ئەمدىلا كەلگەن «مېھمان» ئابدۇلھىمىتخاننىڭ روھى دۇنياسىدا تۇرۇپ بايانغا كىرىشسە، ھېلى ئالتە ياشلىق ئابدۇلھىمىتخاننىڭ ئاددى قەلبىدە تۇرۇپ ئوي-ئويلايدۇ، سۆزلەيدۇ. شۇڭا «كومۇنا قوروسىغا ناھايىتى جىق ئادەم- جىق ئانىلار، جىق بالىلار كەلگەن ئىدى»، «ئوغۇل ھەر كۈنى يېڭىدىن-يېڭى ئانىلارنى ئۆزىگە ئانا قىلىۋالاتتى»، «بىراق ئۇ چاغدا بالا تېخى كىچىك، خەت ساۋادى چىقمىغان، ئۇنداق خەتلەرنى تونۇيالمايتتى، ئەمما دادىسى ئۇخەتلەرنى ھەجىلمەي ئوقۇۋىتەتتى. دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجى كىتاپخۇمار، شائىر كىشى ئىدى...». بۇ سۆز-جۈملىلەر يۇقىردا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئالتە ياشلىق ئابدۇلھىمىتخاننىڭ ئوي-پىكىرىدىن تۇغۇلغان، ئەسەردىكى ئىجتىمائى مۇھىت، ئىجتىمائى ئادەملەرنىڭ روھى دۇنياسىغا ئۇيغۇن بولسىمۇ «مۇلاھىزە»دە «مەنتىقىسىز» سۆز-جۈملىلەر قاتارىغا چىقىرىلغان. بەدىئى ئەدەبىياتتا تەسۋىر، سۆز-جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتە ئەسەردە يارىتىلغان پېرسۇناژلارنىڭ روھى دۇنياسى، كىشىلىك قارىشىغا ئاساسەن بۇنچىلىك جانلىق، ئەركىن تەسۋىرلەش ئۇسۇلى قوللىنىلمىسا ئۇنىڭ ئاخبارات ئەسەرلىرى، تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرىدىن نېمە پەرقى بولسۇن؟! شۇڭا ئەدەبى ئەسەرلەرگە باھا بەرگەندە بۇنداق يەڭگىلتەك، بىرتەرەپلىمە، يەكۈن چىقىرىشتىن ئىلگىرى بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدلىكىلىرى ھەققىدە چوڭقۇررا ئويلىنىپ ئاندىن «مۇلاھىزە» قىلساقلا ئەدەبىياتنىڭ رەڭگا-رەڭ تەرەپلىرىدىن ئەركىن-ئازادە زوق ئالغىلى بولىدۇ.
«مۇلاھىزە»نىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەسەرنىڭ ئالدى-كەينى ئىزچىل، بىردەك بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئابدۇرېھىم ھاجى خەت ساۋادى ياخشى، مەدەنىي، يۇقىرى ساپالىق بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىنچە ئوقۇتقۇچى بولدى.»، يەنە «بىراق ئۇ چاغدا بالا تېخى كىچىك، خەت ساۋادى چىقمىغان، ئۇنداق خەتلەرنى تونۇيالمايتتى، ئەمما دادىسى ئۇ خەتلەرنى ھەجىلمەي ئوقۇۋىتەتتى. دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجى كىتاپخۇمار، شائىر كىشى ئىدى...» دېگەندەك بايانلارنى مىسالغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق «ئالاھىيدە ئويلىنىپ قالغان»لىقى «مۇلاھىزە» قىلىنغان. «بۇ يەردە ئالدىنقى بايانغا نىسبەتەن كېيىنكى بايان زىت كېلىدۇ. ئەسەرنىڭ ئالدى-كەينى ئىزچىل، بىردەك ئەمەس» دېگەندەكدەك مۇجىمەل مەنا چىقىدۇ. بۇ مۇجىمەل كۆزقاراش دەل مۇلاھىيزىچىنىڭ ئەسەردىكى ئالتە ياشلىق ئابدۇلھىمىتخاننىڭ «بىراق ئۇ چاغدا بالا تېخى كىچىك، خەت ساۋادى چىقمىغان، ئۇنداق خەتلەرنى تونۇيالمايتتى. ئەمما دادىسى ئۇ خەتلەرنى ھەجىلمەي ئوقۇۋىتەتتى، دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجى كىتاپخۇمار، شائىر كىشى ئىدى...» دېگەن ساددا چۈشەنچىسىنى ئاپتۇر تىلى دەپ چۈشىنىۋالغانلىقتىن كېلىپ چىققان. ئەگەر پوۋېست ئاپتۇرى بۇ يەردە ئالتە ياشلىق بالىنىڭ خىيالىنى مۇكەممەل ئوي پىكىر بىلەن ئىپادىلەپ قويغان بولسا، ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە بېرىدىغان چىنلىق تۇيغۇسىدىن بەدىئى مۇۋەپىقىيىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايىتتى. شۇڭا مۇلاھىزىچلىكتە زىت پىكىرلە (مۇلازھىچى يەنىلا يۇقارقى بايانلاردا زىتلىق بار دەپ قارىسا) شۇ پىكىر قانداق ئەھۋالدا كېلىپ چىقتى، قايسى سەۋىيدىكى پېرسۇناژ شۇنداق پىكىر قىلدى دېگەنلەر ئۈستىدە ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
يۇقارقىلاردىن باشقا «مۇلاھىزە» ئاپتۇرىغا بىرنەچچە مەسىلىنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈر دەپ قارايمەن. بىرىنچىدىن، «مۇلاھىزە»نىڭ بېشىدا «بالا ئۈچۈن ئانىنىڭ قۇربان بېرىش روھىيغا ھېچبىر غەرەز يوشۇرۇنغان بولمايدۇ»، دېگەن خاتا مەزمۇندىكى بىر جۈملە بار . ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسىگە ئايانكى، ئانا بالا ئۈچۈن غەرەزسىز، مەقسەتسىز قۇربانلىق بەرمەيدۇ، بەلكى بالىسىنىڭ تىنىچ-ئامانلىقى، بەخىت-سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. بالىنىڭ بەختى ئاخىرقى ھېساپتا ئانىنىڭ بەختىدۇر. ئىككىنچىدىن، «مۇلاھىزە» نىڭ بىرقانچە يېرىدە «ئەدەبى ئەسەر – ئەدەبىيات بىر پەن» دەپ تىلغا ئېلىنغان. ئەدەبىياتتىن ساۋادى بار كىشى بىلىدۇكى، ئەدەبىياتسۇناسلىق پەن، ئەمما ئەدەبىيات پەن ئەمەس. ئۇ تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ ئىجتىمائى تۇرمۇشنى ۋاستىلىق، ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت. ئۈچىنچىدىن «مۇلاھىزە» دە بەزى سۆزلەر خاتا ئىشلىتىلگەن مەسىلەن: «ھېلىھەممۇ» دېگەن سۆزنى مىسالغا ئالساق، بۇ يەردىكى «ھېلى» رەۋىش، مۇستەقىل سۆز بولۇپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىدە مۇستەقىل سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ياكى ياردەمچى سۆزلەر ئۇلىنىدۇ. مۇستەقىل سۆزلەرگە ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىلاردا قاتلىنىش ھادىسى كۆرۈلسىمۇ، ياردەمچى سۆزلەرگە ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىلاردا قاتلىنىش ھادىسسى كۆرۈلمەيدۇ. كۆرۈلسە ئىملاسى خاتا بولىدۇ. «ھېلى» دېگەن رەۋىشكە «ھەم» باغلىغۇچىنى قوشۇش مۇۋاپىق. بىراق ئۇنىڭغا يەنە «مۇ» يۈكلىمىسىنى قوشۇش ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس.
ئومومەن قىلىپ ئېيىتقاندا، «مۈڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق پوۋېسىتقا قارىتىلغان «مۇلاھىزە» نۇرغۇن نەزىريەۋى ئۈزۈندىلەرگە تولغان، پوۋېستنىڭ ماۋزۇسىدىن تارتىپ ئىشلىتىلگەن سۆز- جۈملىلەرنىڭ مەنىسىگە قەدەر كۆپ مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، خېلى چوڭقۇر ئىزدەنگەن بولسىمۇ يەنىلا خاھىشچانلىقتىن، بىر تەرەپلىمە يەكۈن چىقىرىپ قويۇشتىن ساقلىنالمىغان. پوۋېسىتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بىلەن ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىپ پۈچەكلەشتۈرۈپ خۇلاسە چىقىرىپ ئەسەرنى «پوۋېسىت»نىڭ ئالاھىدىلىك تەلىپىگە يېتەلمىگەن دەپ قارىغان. پوۋېستقا تارىخى ئەسەر ئۆلچىمىنى قويۇپ ئەخمىقانە يەكۈن چىقارغان. ئەسەرنىڭ بايان ئۇسۇلىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ تىلى، ھېس-يۇتغۇلىرى، ئوي-پىكىرىنى ئاپتۇرنىڭ بايانچى تىلى دەپ قاراپ مەتىقىسىزلىققا چىقارغان. ھەتتا ئەسەردىكى ئالتە ياشلىق بالا ئابدۇلھىمىتخاننىڭ كۈزىتىشىدىكى «جامە ئالدى، تىقىن-تىقىشماق كوچىلار، كېلىشىۋاتقان، كېتىشىۋاتقان ئادەملەر، ئاتلىقلار، ئېشەكلىكلەر، ھارۋىلىقلار، پىيادىلەر، بايلار، كەمبەغەللەر، تىلەمچىلەر، بەگلەر، زالىملار، مۆمىنلەر، زەردارلار، ئوقەتچىلەر، دېھقانلار، مەدىكارلار، ئاق تەنلىكلەر، قارا تەنلىكلەر، سېرىق تەنلىكلەر، قوڭۇر تەنلىكلەر، بۈدرە چاچلىقلار، سېرىق چاچلىقلار، قارا چاچلىقلار، كۆك كۆزلەر، قارا كۆزلەر، قوي كۆزلەر، چوڭلار، كىچىكلەر، ئەرلەر، ئاياللار...» دېگەندەك تەسۋىرلەرنى «بىرمۇ-بىر ئىزاھلاشنى، مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم» دەپ مۇجىمەل كۆز قاراشلار بىلەن «مۇلاھىزە»گە باشقىلارنىڭ بىرنېمە دەپ بېقىشىنى مۇراجەت قىلىدۇ-يۇ، بۇنى زادى قايسى نەزىريەنىڭ تارازىسىغا سېلىپ ئۆلچەپ بېقىشنى بىلىپ بولالماي، قىينىلىدۇ.
ئەدەبى ئىجادىيەتتە، يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق نەزىريىسى ۋە ئىجادىيەتنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشى ئەقەللى ساۋات. ھالبۇكى «باش-ئاخىرى بىردەك بولۇش، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋېتى ئېنىق بولۇش...» دېگەندەك نەزىريەلەرنىڭ زەنجىرىدە كىشەنلەپ تۇرۇپ يورۇقلۇققا چىققان ئەدەبى ئەسەرنىڭ، ئىستېتىك تەلىپى كۈنسېرى يۇقىرلاۋاتقان ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقىنى قوزغىيىالىشى ناتايىن. دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «مەمەت ئاۋاق» رومانىنىڭ تىلى ھەقىقى خەلق تىلىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى، پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، تۆت توملۇق بۇ روماننى ھازىرغا قەدەر تەكرار ئوقۇپ زوق ئېلىۋاتىمىز. ئاتاغلىق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ تىلى، ئىچكى تۇيغۇلىرىدىكى ئالاھىيدە پەرقلەر ئەدەبىياتىمىزنىڭ سەۋىيسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى. جۇڭگودا مويەن دالىدىكى توسقۇنسىز ياۋا ئاتتەك ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن ئەركىن يېزىقچىلىق تەپەككۈرى بىلەن «ئەسەر يېزىقچىلىقىدا ئالدى- كەينى ئىزچىل، باش-ئاخىرى بىردەك بولۇش، پاكىت ۋە داۋلىغا ئۇيغۇن بولۇش ئاساسى تەلەپ قىلىنىدۇ» دېگەندەك نەزىريەلەرنىڭ پاسىلىنى چاك-چېكىدىن بۇزۇپ تاشلاپ غەرىب ئەدەبىيات شۇناسلىرى «بىر دۆۋە ئەخلەت» دەپ قارىغان جۇڭگو ئەدەبىياتىنى «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقتى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ھەققىدىكى «مۇلاھىزە» دىكىدەك كونا رامكىلار ئىچىدە بوغۇلۇۋاتقان بولغاچقا، دۇنيا ئەدەبىياتى سەۋىيەسىنىڭ يۈكسەكلىكى ئەمەس، جۇڭگو ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ كۆپ ئارقىدا. بىزدە «چاڭ-توزان بېسىققاندا»، «ئوتخور جەمەت» كەبى نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلگىنى يوق. شۇنداق ئىكەن ئەسەرلەرگە باھا بەرگەندە خاھىشچانلىق، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىپ دۇنيا پىروزىچىلىقىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئاساسىدا ئوبىكتىپ، قايىل قىلارلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈشى زۆرۈر دەپ قارايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-5 12:29