پەرھات ئىلياس
پەرھات ئىلياس 1964–يىلى ئىلى چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1982 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستېتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان.گەرچە ئۇنىڭ مەخسۇس ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئىككى يىل ماتېماتىكا، ئۈچ يىل تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇپ،1987–يىلى مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئوقۇتقۇچى، مۇھەررىر، تەرجىمان قاتارلىق خىزمەتلەردە بولۇپ كەلگەن.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى كۆپ قىرلىق بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ دەسلەپ شېئىرىيە تتىن باشلانغان ھەم شېئىرىيەت ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى ئاساسىي غول ھېسابلىنىدۇ.ئۇ 80-يىللاردىكى يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە تەپەككۇر شەكلىدىكى يېڭىچە شېئىرلىرى بىلەن كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «چوغ سورىغان بالا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «غالىب تەشۋىشلەر»ناملىق شېئىر، نەسر، ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان. يەنە«شېئىرىي تىل ھەققىدە ئىزدىنىش»،«شېئىرىيەتتىكى رېتىم ھەققىدە»، «يېڭىچە شېئىرلار ھەققىدە»ناملىق بىرمۇنچە نەزەرىيىۋى ماقالىلىرى ھەمدە يېڭىچە شېئىرلار ھەققىدىكى تۈرلۈك سۆھبەت، بەس-مۇنازىرىلەردەئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ راۋاجى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
پەرھات ئىلياس يەنە شېئىر تەرجىمىچىلىكىدىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان.ئۇ «دۇنيا ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن 13يىل مابەينىدە ئاساسلىق زېھنىنى دۇنيا شېئىر ىيىتىنى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇشقا قارىتىپ، چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش، تەھرىرلەش بىلەن بىرگە ئۆزىمۇ كۆپلەپ تەرجىمە قىلغان ھەمدە «يارىلانغان يۈرەك»ناملىق چەت ئەل شائىرلىرى شېئىرلىرى توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان.
ئەسكەرتىش: شائىرنىڭ سۈرىتى ۋە تەرجىمھالىنى ئابدۇرېشىت سولايمان تەمىنلىگەن.