كۆرۈش: 739|ئىنكاس: 0

مۇھەممەد بارات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp

مۇھەممەد بارات تەشنائىي،1963-يىلى 9-نۇيابىر كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسىدا تۇغۇلغان.1985-يىلى 7-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتنى پۈتتۈرۈپ،خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكۇمىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. ھازىر شۇ فاكولېتىتنىڭ دوتسېنتى.1999- ۋە 2005-يىللىرى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتى ۋە فۇدەن ئۇنۋېرسىتىدا بىلىم ئاشۇرغان.
      مۇھەممەد بارات تەشنائىينىڭ  ئەدەبيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت 60پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى،ئەدەبىي ئوبزورى، 65پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، نەسىر ۋە ئەدەبىي ئاخباراتى،500پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت –ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ‹‹كالنىدار ئالدىدا››(نەسىر)،‹‹چىرا ئىلھاملىرى››(سېكىل)، ‹‹چىنار پادىشاھى››(شىئېر)، ‹‹پايانداز ناخشىلىرى››(سېكىل)،‹‹ئاچچىق كۈلكىلەر››  (چاتما ھېكايىلار)،‹‹گۆزەل پەرى بىلەركىن قاچان››(شىئېر)، ‹‹ھالاكەت گىرۋىكى›› (ھېكايە)،‹‹ئۆملۈك ناخشىسى››(شىئېر)،‹‹قۇم بارخانلىرى گۇۋاھ››(ئەدەبىي ئاخبارات)، ‹‹تاشيول ئۇنىڭ قەلبىدە››(ئەدەبىي ئاخبارات)،‹‹ئۇ-خىزىردەك ئادەم››(ئەدەبىي ئاخبارات)،‹‹يېزىقچىلىق ئۇقۇتۇشنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا بىرقانچە تەكلىپ››(ئىمىي ماقالە)،‹‹يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم››(ئىلمىي ماقالە) قاتارلىق  ئەسەرلىرى ھەردەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن.سەككىز پارچە شىئېرى، ئۇچ پارچە ماقالىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.بەش پارچە تەرجىمە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.‹‹ئەسسالام ھايات››(شىئېرلار توپلىمى)،‹‹ھېلىقى كوچا››(ھىكايە-نەسىرلەر)،‹‹مۆجىزى››(تارىىىي پوۋېست)، ‹‹تۇمالىق كېچە›› (رومان) قاتارلىق كىتاپلىرى مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.ئۇنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئىجادىيەت نەتىنجىلىرى ‹‹جوڭگۇ مۇتەخەسىسلىرى قامۇسى››ھەم ‹‹جوڭگۇ مەشھۇر كىشىلىرى قامۇسى››غا كىرگۈزۈلگەن.
  مۇھەممەد بارات تەشنائىي-شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە خوتەن ۋېلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش