كۆرۈش: 1019|ئىنكاس: 0

ئەخمەت كېبىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp

ئەخمەت كېبىر 1967 -يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئىشخىلا يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، 2009-يىلى 10-ئايدا مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن. ئۇ 1986- يىل ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغاندىن بۇيان ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2004– يىلى «ساپا مائارىپىمۇ ، خاتا مائاراپمۇ؟» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان. 2008- يىلى 6- ئايدا «قادىر باقى ۋە بىر كەنت ھەققىدە ھېكايە »ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى، ئەدەبىي ئاخبارات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «كروران»، «كۈسەن مەدەنىيىتى»قاتارلىق ژورناللارنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش