كۆرۈش: 1043|ئىنكاس: 0

ئەنۋەر ھوشۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp

ئەنۋەر ھوشۇر 1969-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى كېريە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ  ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى كېريە ۋە خوتەن شەھرىدە تاماملاپ،1987-يىلى9-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات پاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.ئوقۇش پۈتتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 2001 -يىلى 9-ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 2002-يىلدىن  2004 –يىلىغىچە  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئاچقان جۇڭگۇ تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئاسپىرانىتلار سىنىپىدا ئوقۇغان.2005-يلى دوتسنتلىق ۋەزىپە ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
    ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ ئىجادىيىتى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا «بازار خىرىسى ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ چىقىش يولى»، «خەتەرلىك ئۈچىنچى باسقۇچ»، «بىزدە مۇتەپەككۇر يازغۇچى، شائېرلار يوقمۇ؟»، «نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىشتىن تۇغۇلغان ئويلار»، «ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ماھارەت ۋە تېخنىكا»، «ئۆسۈڭ، لېكىن غورۇرىڭىز بىلەن» قاتارلىق 90 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى؛ «نېمە دېگۈلۈك»، «كۆڭۈل كۆزى»،«ھېيتلىق كىيىم»، «كېسەل»، «قايچا»، «چۇلۇق تاۋۇز»، «كەيىپ»، «ئاخىرقى تاللاش»، «ئاجىز تىنىقلار» قاتارلىق  40 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋستلىرى ئېلان قىلىنغان.«ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش» ناملىق ماقالە-ئوبزورلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.«نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىشتىن تۇغۇلغان ئويلار»، «ياش يازغۇچىلارنىڭ رومان ئىجادىيىتى توغرىسىدا» ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «بازار خىرىسى ۋە ئەدەبىياتىنىزنىڭ چىقىش يولى»، «خەتەرلىك ئۈچۈنچى باسقۇچ»، « ‹ئانا قەدرى› دىن ‹سېھىرلىك نەي›گىچە»، «زۇنۇن قادىرىنىڭ 40-يىللاردىكى ھېكايە ئىجادىيىتى»،«كۆڭۈل قاراڭغۇسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئەدەبىيات تارىخى ۋە ئەدەبىيات ھادىسىلىرىغا ئائىت تۆت تەتقىقات تېمىسىغا رىياسەرچىلىك قىلىپ تاماملىغان.

     ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش