ياسىن ئابدۇقادىر 1977- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە توغۇلغان. 2000- يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ قاراقاش ناھىيە قاراساي يېزىلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. ھازىرغىچە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇ 2000- يىلى « خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «بەخت» ناملىق نەسىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ ھەرقايسى گىزىت- ژورناللاردا 150 پارچىدەك ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.«رەسسام چاشقان» ناملىق شېئىرى 17-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى