كۆرۈش: 836|ئىنكاس: 0

ئابدۇقادىر سادىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp

ئابدۇقادىر سادىر 1947- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.  1955  - يىلدىن 1958- يىلغىچە قوشتاغ يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتە 1961- يىلى 9- ئايدىن 1964- يىلى 7- ئايغىچە قوشتاغ تولۇقسىز ئوتتۇرا  مەكتەپتە، 1964- يىلى 7- ئايدىن- 1967 - يىلى 7- ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقىغان. 1967- يىلى 9- ئايدىن 1981- يىلى 10- ئايغىچە قوشتاغ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1981- يىلى 10- ئايدىن 1984- يىلى 10- ئايغىچە قوشتاغ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1981- يىلدىن 1983- يىلغىچە  ‹‹شىنجاڭ  رادىئۇ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتى›› نىڭ تىل- ئەدەبىيات كەسپىنى ئوقۇپ تاماملىغان. 1984- يىلى 10- ئايدىن 1985- يىلى 5- ئايغىچە گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسىدە مەدەنىيەت خىزمىتى ئىشلېگەن. 1985- يىلى 5- ئايدىن 2007- يىلى6- ئايغىچە گۇما ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە كاتىپ، كاتىبات بۆلۈم باشلىقى، ئېنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر دەم ئېلىشتا بولۇپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزمەكتە.
       ئۇ  1966- يىلى ‹‹خوتەن گېزىتى›› دە ئېلان قىلىنغان تۇنجى شېئېرى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كىلىپ، ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا بىر پارچە رومان (شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ژۇرنىلىدا)، 1000  پارچىدىن ئارتۇق شېئېر، داستان، باللادا، شېئېرى چۆچەك ۋە شېئېرى مەسەل رۇبائىيلەرنى؛ 80 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋستلارنى؛ 50پارچىدىن ئارتۇق سەھنە ئەسەرلىرى(ئېتوت، ناخشا تېكىستلىرى) نى ئېلان قىلدۇرغان. 100 پارچىدەك ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى نەشىرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدى. يەنە 20پارچىدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش، تىل تەتقىقات ئىلمى ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئارامغا چىققاندىن كېيىن، "شېئىرىيەت رىسالىسى"، "جاھان ئەدىپلىرى قەلىمى ئاستىدىكى يۈسۈپ- زىلەيخا داستانى"، "گۇما شېۋىسى توغىرىسىدا" ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئالاقىدار مەتبۇئاتلارغا سۇندى.
يازغۇچىنىڭ 1982- يىلدىن 2002- يىلغىچە، ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلار ۋە جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن 2پارچە ھېكايە، 1پارچە سەھنە ئەسىرى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 10پارچە ھېكايە، بىر پارچە سەھنە ئەسىرى 2-، 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. "ئېتىبارسىز ئادەم"، "مەسئۇلىيەت"، "تۆكۈلگەن چېچەك" قاتارلىق ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى. ئىجادىيەت نەتىجىلىرى "دۇنيادىكى جۇڭگۇلۇق مەشھۇر ئەدىپلەر" ناملىق قامۇسقا كىرگۈزۈلدى.
        1989- يىلدىن 2002- يىلغىچە ‹‹شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى›› تەرىپىدىن ‹‹كۈمۈش قوڭغىراق››، (بىرلەشمە شېئېر توپلام)، ‹‹نەدە سەن، بالىلىق يىللار›› (پوۋست)، «قاقشال توغراق» (پوۋپستلار)، ‹‹پۈتۈكسىز ئارخىپ›› (ھېكايىلار)؛ ‹‹شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى›› تەرىپىدىن ‹‹ساقال ھەققىدە پاراڭ›› (بىرلەشمە ھېكايىلار)، ‹‹قارا چېقىن›› (پوۋستلار)؛ خوتەن قەدىمى ئەسەرلەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن ‹‹قەھرىمان قاتىل›› (كىلاسسىىك قىسسە) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ‹‹كوئىنلۇندا باھار››، ‹‹خوتەندە راۋان يوللار››، ‹‹كارۋان››، ‹‹مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى›› قاتارلىق مەجمۇئەلەرگە ھېكايە، پوۋست ۋە سەھنە ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى.  
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە گۇما ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش