كۆرۈش: 812|ئىنكاس: 0

سەۋىردىن ھېنىپىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەۋىردىن ھېنىپىدىن، 1974-يىلى 5-ئاينىڭ17 -كۇنى كۆنەس پولات زاۋۇتتىدا تۇغۇلغان. 1980-يىلدىن1982-يىلغىچە شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە،83-يىلدىن 89-يىلغىچە قاراماي جەرەنبۇلاقتا ئوقۇشۇنى داۋاملاشتۇرغان.89-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ئىشچىلار تىخنىكۇمغا قۇبۇل قىلىنغان.92-يىلدىن ھازىرغىچە  قاراماي بۇرغىلاش شىركىتىدە نېفىت ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
     1993-يىلى،  ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى ـ «پارچىلار»، «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى ››دە ئېلان قىلىنغاندىن بويان ھازىرغىچە ‹‹خىيالچان بۇۋاي›› ،«ئانا يۇرۇت››،‹‹يامغۇرلۇق ئازاپ ››،‹‹بۇ ھايات ››، ‹‹پادىچى بالا›› ،‹‹بۇلۇتلۇق ئاخشام›› ،‹‹چۆل ئوغلانى››،‹‹سەپەر ››،‹‹ئۇچىنچى مۆچىلىم ››،‹‹ئاتا››،‹‹ ئانا ››،‹‹شەيتانكەرىش›› ،‹‹بالىلىقىم›› ،‹‹ نۇزۇگۇم››،  ‹‹چۆل قىزى ››،‹‹مەن تۇغۇلغان چەمبىرەك›› قاتارلىق 200پارچىغا يېقىن شىئېرى،  ‹‹ گۇمان›› ،‹‹ئانا ››، ‹‹چېقىمچى›› ،‹‹پارخۇتتا›› قاتارلىق ئون نەچچە پارچە  ھېكايە،ئۇبزۇر، فۇتۇ سۈرەتلىرى ھەرقايسى گېزىت ،ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى . ‹‹ئانا يۇرۇت›› ،‹‹چۆل ئوغلانى›› قاتارلىق شېئىرى قارمايدا ئۇتكۇزۇلگەن« جۇمھۇرىيەت سۇيگۇسى ››،‹‹بۇرغۇلاش شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقى›› نى تەبرىكلەپ ئۆتكۇزىلگەن دېكلاماتسىيە  مۇسابىقىسدە كەينى –كەينىدىن  1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى .ھەمدە رادىئۇ- تېلىۋىزۇرلاردا ئاڭلىتىلدى.

   ئۇ ھازىر قاراماي يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش