كۆرۈش: 1180|ئىنكاس: 0

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد 1974- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاقيار يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1991- يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1996- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھازىرغىچە جۇڭگو ئىسلام ئىسلام جەمئىيىتى قارمىقىدىكى 《جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى》ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
   ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 1991- يىلدىن باشلاپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەر قايسى ئەدەبىي ژۇرناللاردا 《لاي سۇ ئىچكەن جانلار، «قىيامەتلىك كېسەل»، 《گۇناھ》، 《كۆز يېشى ۋە ۋەھىمىگە تولغان كۈنلەر》، 《بېيجىڭ ئادىمى》قاتارلىق ئون نەچچە پوۋېست،《چاقىرىش》،《يىراق سەھرادىكى يېڭى ھېكايە》،《مۇھەببەت》قاتارلىق يىگىرمە پارچىغا يېقىن ھېكايە، 《تەكلىماكان ئوغلى》،《مىجىت قەلەم ۋە ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنغان سىرلار》، 《مۇھەببەتلىك ھايات》 قاتارلىق ئەدەبىي ئاخبارات، 《يازغۇچى ۋە ئىنسان تەبىئىتى》، 《پروزا ئىجادىيىتىدىكلى بىر قانچە مۇھىم روھىي ھالەت》 قاتارلىق ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. 《لاي سۇ ئىچكەن جانلار》 ناملىق پوۋېستى 1996- يىلى 《تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى》غا ئېرىشكەن ۋە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 《شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرى توپلىمى》غا كىرگۈزۈلگەن. 《مۇھەببەت》ناملىق ھېكايىسى 2006- يىللىق 《خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى》غا ئېرىشكەن. 1999- يىلى ئۇنىڭ 《جان ئوتى》ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، 2005- يىلى 《لاي سۇ ئىچكەن جانلار》 ناملىق پوۋېستلار توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2005- يىلى 《ھەر كاللىدا ھەر خىيال》ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات، ئوبزورلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن سىرت ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللۇنۇپ، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈ*ركىيىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 《يېڭى ھايات》 ناملىق رومانىنى تۈر*ۈكچىدىن تەرجىمە قىلدى. بۇ رومان 2008- يىلى 7- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
ئەنۋەر مۇھەممەد 2004-يىلدىن بۇيان «ئەرتۈ*رك»((Erturk تەخەللۇسى بىلەن  تور ئەدەبىياتىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەر قازانغان ياش يازغۇچى بولۇپ، تور بېكەتلىرىدە ھەر خىل تېما ۋە ژانىردا  50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر  ئېلان قىلغان، «مودىدىن قالمايدىغان سالام خەت»، «ئۈچ كۈنلۈك مۇھەببەت»، «ئاق شامال»، «تالىپ بىلەن راھىپ» قاتارلىق ھېكايىلىرى، «سېرىق كۈنلەر»، «ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات»، «مەن سېنىڭ داداڭ» قاتارلىق پوۋېستلىرى، «ئىككى ھەرەم خاتىرىسى» قاتارلىق يازمىلىرى ئالاھىدە ئالقىشلانغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ توردا ئېلان قىلغان «زىنا ئالدىدا تۇرغان قىز» ناملىق رومانىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 250مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە توردا 20  قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ تارقىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.  بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن، بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى بىر نامايەندە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مەخسۇس شەخسىي تور بېكىتى بولغان «ئەرتۈ*رك بىلوگى»نىڭ ئادىرىسى تۆۋەندىكىچە:

http://tepekkur.com/

  يېقىندا يازغۇچىنىڭ 《كۆپۈك》ناملىق تۇنجى رومانى نەشر قىلىنىپ كەڭ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تىللاسى +320 يىغىش سەۋەبى
ئا.ئا.سەئىدى + 205 ------قەلىمىڭز بەرىكەتل.
ئەرتېكىن + 10 «ياشاپتىمەن، بىلمەپت.
ئھرچىن + 105 --------ئەسەرلىرىنىڭ تېم.

باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش