يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: تۆرىبەگ قىزى

ئەڭ يېڭى چاقچاقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-7 14:43:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئەتىگەن سىرىتقا چىقىدىغان ئىشىم چىقىپ قالدى،ھاۋا بەكلا سوغۇق، پەلەي كىيىۋالاي دەپ ئىزدىسەم بىرىنى تاپتىم ، بىرى يوق، بىرسى بولسىمۇ كىيىپ مېڭىۋەردىم، يېرىم يولغا كەلگەندە بىر دوستۇم ئۇچراپ،- ۋاي سول قولىڭىزغا بىر ئىش بولدىمۇ، پەلەي كىيىۋاپسىز؟ دېدى. مەن دېدىم،- سول قولۇمغا ھىچ ئىش بولمىدى، ئوڭ قولۇمنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىپتىكەن...

ۋاقتى: 2013-11-7 14:54:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-8-21 20:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدىل يوللىغان ۋاقتى  2013-11-7 14:54

            دوبۇلغىلىق  قىز ئەسلىدە لەتىپىچى ئىكەن ئەمەسمۇ ،تەبىئى كۈلكىلەر -ساغلاملىق خۇرۇجى .

ۋاقتى: 2015-3-8 19:24:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                         قىزىقچى دوستۇمغا بايراملىق سوۋغا :

                                     سەن بولمىساڭ

              سەن بولمىساڭ چۆگۈنىڭدىن ‹‹ ھو ››مۇ چىقمايدۇ ،
              يىگىتىڭنىڭ  ئاتارىغا  ‹‹ پو ›› مۇ  چىقمايدۇ .

              سەن بولمىساڭ پەردىلىرىڭ لەپىلدەپ كېتەر ،
              قازان-قۇمۇچ دۆۋىلىشىپ ئەرزىن دەپ كېتەر .

              كىر ئالغۇنىڭ  قوساقلىرى تومپۇيۇپ چىقار ،
              كىرىپ قالغان قوشنىلارنىڭ  ئىچىنى سىقار .

             توڭلاتقۇنىڭ ئىچى كاۋاك  تۇرار  شۇ  پېتى ،
             قىرو باغلاپ تۇرار  ئەنە ئۇنىڭ  قات-قېتى .
            
             كۈندە كېلىپ ‹‹ قايناپ ›› تۇرار دوستلىرىم مېنىڭ ،
             ئىس - بۇسلارغا  تولۇپ  كېتەر  ھۇجراڭمۇ  سېنىڭ .

             پوللىرىڭدا  قېپ قالىدۇ  ئاياغنىڭ ئىزى ،
             ھېچكىشىمۇ  ھېچنىمىگە  قىلمايدۇ  ھېزى .

             ياشىۋاپتۇق، ئىككى سەككىز كۈننىڭ ئىچىدە ،
             جۇدۇن  ئاكاڭ يېزىپ  قويدى  بۇنى  كېچىدە ...

                                      2015.3.8

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-12 17:37:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم، رەھمەت جۇدۇن ئاكا.
ئىككى كۈندىن كېيىن تورغا چىقالماي قالارمەنمىكىن دەپ ئويلاپ بىر ئېغىز گەپنى مۇشۇ يەردىلا دەۋالاي دەپ ئويلاپ قالدىم.
3- ئاينىڭ 15- كۈنىدە ھايات دەرىخىڭىزنىڭ يەنە بىر تال يۇپۇرماق تاشلىغىنىدىن ئەپسۇسلىنىش بىلەن بىرگە مۇشۇ كۈندە سىزنى تەۋەللۇت قىلغان مىھرىبانىڭىزغا ئىككى ئالەملىك ياخشىلىق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-3-12 19:04:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقكەن ياقتۇردۇم . كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز. 1.سى بىلەن 2.سى قىزىقكەن

ۋاقتى: 2015-3-12 20:23:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 17:37
شېئىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم، رەھمەت جۇدۇن ئاكا.
ئىككى ك ...

     رەھمەت، ئۇز سانغۇن سىڭلىم . مارالبېشىلىق دادام ئوسمان ئاخۇن ھەم ئاستانىلىق ئاپام گۆھەرخانلار ياتقان تۆپىلىككە يامىشىپ كېتىۋاتىمەن . شۇنداق بولسىمۇ  ھاياتلىقتىكى  بۇ سىزىقچىنى ‹‹ - ›› ئۇزارتىشقا تىرىشىماقتىمەن ،سىزلەرنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ھەر تاڭدا ئوڭ يېنىمدىن تۇرىۋاتىمەن ................................................................................

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش