xjtiwip.biz

1
جەمئىي مىكروبلوگ 73 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كارىل 2016-2-9 19:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، دادامنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بىرەر داۋا بارمىدۇ؟؟

  • مېھر 2016-1-14 11:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالاممۇ  ئەلەيكۇم  مۇشۇ  ۋختىڭلار خەيرلىك بولسۇن

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • nuraziz 2015-10-10 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    kandakilganda danihorakni yokatkiliboldu

  • تېۋىبە 2015-10-6 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! كىچىككەن بولسىمۇ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • TIWIP 2015-9-21 13:32 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىنداشلار،ھەمىڭلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • تەجەللي 2015-7-1 16:49 [ئىنكاس(2)] [...]

    مۇنبار ئيگيسسى،بىلەن كانداك كۇرشىمىز

  • مېھر 2016-2-3 10:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم  سالامەت  تۇردلمۇ

  • دېڭىز 2016-1-5 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ كۇزۇم يىراقنى كۈرەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلىدىغان رىتسىپلىرىڭلاردىن بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • TIWIP 2015-10-9 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىگىم217 2015-10-5 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانانىزىمنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىللىرى  بامۇ

  • تېۋىبە 2015-9-20 13:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ تىۋىپ تورىنى باشقىچە بىر جانلاندۇرۋېتەيلى جامائەت!‘

  • تەجەللي 2015-7-1 16:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا،ئاراڭلاردا دييابيت بيمارليري بولسامەندە100تال دييابيت،كوميليچيني،ھەقسيزتە.....

كۆرۈش: 3227|ئىنكاس: 1

ھىستېرىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەسئۇل تىۋىپ

763

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 1496
نادىر تېمىسى: 23
تىللا: 5654
تۆھپە : 5000
توردا: 1388
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-7-3

تېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇل

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 10:50:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىستېرىيە
   كېسەلنىڭ ھەرخىل پىسخولوگىيىلىك ئامىللار ياكى سىرتقى تەسىرلەرنى ئۆزى بىلەن باغلىۋېلىش ياكى ئۆز بەدىنىدىكى قىسمەن ئۆزگىرىشلەرنى كۈچەيتىپ، مۇبالىغىلەشتۈرۈپ ھېس قىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكنى ھىستېرىيە دەپ ئاتايمىز. مەسىلەن : بىر ئالىي مەكتەو ئوقۇغۇچىسى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدىن كېيىن چارچاپ، پۇتلىرى تېلىپ يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن ، مەن پالەچ بولۇپ قالدىم ،دەپ ئورنىدىن قوپالماسلىقى . كېسەلنىڭ ئۇۋاللىق ھېس قىلىشى ياكى قورقۇپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان ھىستېرىيەنى كۆرسىتىدۇ. كېسەلنىڭ دوختۇرنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا ئۇخلىشىمۇ ھىستېرىيەگە كىرىدۇ. ھىستېرىيە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز قوزغىلىدىغان روھىي كېسەللىك بولۇپ، ئەزالار فۇنكىسىيىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى قوزغىتىدۇ، بۇ سېزىم ، ھەرىكەت ۋە ۋېگتاتىپ نېرۋىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئەزالار فۇنكىسىيىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ئورگانىزىمدا پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدۇ. پەقەت ئىما-ئىشارەتلىك داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. بۇ كېسەل 35~16ياشلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. 40ياشتىن ئاشقان ئازساندىكى كىشىلەردىمۇ بۇ كېسەللىك كۆرۈلىدۇ.
كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى
1.پىسخولوگىيىلىك ئامىل
كېسەلنى باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشى ياكى كېسەلنىڭ قاتتىق ئاچچىقلىنىشى ، قورقۇپ كېتىشى، خىجىلچىلىقتا قېلىشى، باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقى ياكى ئازابلىشى قاتارلىق روھىي زەربىلەر ھىستېرىيە كېسىلىنى قوزغىتىدىغان بىۋاستە سەۋەب ياكى كېسەلنىڭ تۇنجى قېتىم قوزغىلىش سەۋەبىدۇر. كېسەللەر روھىي زەربىگە نىسبەتەن ئارتۇقچە ئازابلىنىدۇ، بەزى كېسەللەر يۇقارقىدەك روھىي زەربىلەر بىرقانچە قېتىم يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئۆزىەە يۈك قىلىۋالغانلىقتىن كېسەل قوزغىلىدۇ.
2.ئېرسىيەت ئامىلى
ھازىر ئېرسىيەت ئامىلىمۇ ھىستېرىيىنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا،
3.خاراكتېر ئالاھىدىلىكى
سىرتقى تەسىر ياكى ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئارتۇقچە يۈك قىلىۋالىدىغان ياكى كۈچەيتىپ ، مۇبالىغىلەشتۈرۈپ ھېس قىلىۋالىدىغان كىشىلەردە ھىستېرىيە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
(1)بۇ ھىل كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن تۇراقسىز ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىدۇ. ھەل قىلغان مەسىلىلەرنىڭ نەتىجىسى كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تەڭ ئۆزگىرىدۇ.
(2)كېسەلدە بەزى ئىشلارنى ئۆزىگە باغلىۋېلىش خاراكتېرى بولىدۇ. كېسەل تاشقى دۇنيادىكى مەلۇم بىر نەرسە ياكى گەپ سۆزلەرنى ئۆزىگە باغلىۋالىدۇ،
(3)شەخسىيەتچىلىك
بۇ خىل كىشىلەر باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئويلايدۇ. ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق كېلىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ، كېسەللىك قوزغالغاندا ياسالمىلىق قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ باشقىلارنى ھېسداشلىق قىلسۇن ياكى كۆڭۈل بۆلسۇن دەيدىغان ئىدىيىدە بولىدۇ.
(4)خىيالىي تۇيغۇ
كېسەلنىڭ خىيالىي تۇيغۇسىنىڭ مەزمۇنى مول بولىدۇ.ھېسسىياتنىڭ تەسىرى ئاستىدا ، خىيالى كۆپ ھەم ئۆزگىرىشچان بولىدۇ.
4.ئورگانىزىم مەنبەلىك ئامىللار
نېرۋا سېستىمىسىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ھىستىرىيىنى قوزغايدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ھىستېرىيىنى قوزغاشتىكى شەرت بولۇپ قالىدۇ.
ھىستېرىيىنىڭ كىلىنكىلىق ئىپادىلىرى
كېسەللىك ئالامەتلىرى ھەرخىل ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، ئۆزگىرىش كۆپ بولىدۇ. ھەرخىل روھىي پائالىيەتلەرنىڭ ئارىسىدا باغلىنىش بولمايدۇ.
1. ئورگانىزىمنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى
1)سەزگۈگە ئائىت مەسىلىلەر
(1)كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى
كېسەل تۇيۇقسىز قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ ياكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، بۇنى ھىستېرىيىلىك ئەما بولۇپ قېلىش ،دەيمىز. بۇ خىلدىكى ئەمالارنىڭ نۇرغا بولغان ئىنكاسى ياخشى بولىدۇ. كۆز تېگىنى تەكشۈرگەندە نورمال بولۇپ، كۆز كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن ھېچقانداق بىر دەلىل ئىسپات تاپقىلى بولمايدۇ.
(2)ھىستېرىيە مەنبەلىك گاسلىق
كۈچلۈك روھىي زەربىنىڭ تەسىرى ئاستىدا كېسەل تۇيۇقسىز ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. لېكىن قۇلاق كېسەللىكلىرىگە ئائىت بىرەر سەۋەپ تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنداق كېسەللەرنى كەينىاىن چاقىرسا ،كۆزىنى يۇمىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئۇخلاۋاتقاندا چاقىرسا ئويغىنىدۇ، ئىما-ئىشارەتلىك داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
(3)قولىشىش سېزىمى
كېسەلنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمىنىڭ قولىشىپ قېلىشى كۆپ كۆرۈلىدۇ. كۆپ چاغلاردا بېشىدىن پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە بەدىنىنڭ يېرىمى قولىشىپ قالىدۇ، قولاشقان ئورۇن بىلەن نورمال ئورۇننىڭ چېگرىسى ئېنىق بولۇپ، بەدەننىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. بۇ نېرۋىلارنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس . ئوخشىمىغان ئەھۋالدىكى تەكشۈرۈشتە قولاشقان ئورۇننىڭ چېگراسىدا پەرق بولىدۇ، ئايرىم بىر قىسىم كېسەللەردە زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولىدۇ ھەتتا بەدىنى قاتتق ئاغرىيدۇ، نېرۋا ئاناتومىيىسىگە ماس كەلمەيدۇ.
(4)ھىستېرىيە شارچىسى
كېسەلدە بوغۇزغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغدەك سېزىم پەيدا بولىدۇ. يۆتەلسىمۇ چىقىپ كەتمەيدۇ ياكى يوقالمايدۇ، يۇتسىمۇ يۇتالمايدۇ. كېسەل داۋاملىق بىر نەرسە يۇتىۋاتقاندەك ھەرىكەت قىلىدۇ، تەكشۈرگەندە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بايقالمايدۇ.
2)ھەرىكەت ئالاھىدىلىكلىرى
(1)ھىستېرىيىلىك سپازمىلىنىشنىڭ قوزغىلىشى
بۇ ئالامەتنى ئادەتتە كۈچلۈك پىسخولوگىيىلىك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قوزغالغاندا كېسەل تۇيۇقسىز يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپ ، پۈتۈن بەدىنى قېتىپ، پۇت-قوللىرى تارتىشىپ تارتىشىپ قالىدۇ، بەزىدە قول-پۇتلىرى تەرتىپسىز تىترەيدۇ، نەپسى تېزلىشىدۇ، بىرسى چاقىرسا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، بەزىدە ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى يۇلىدۇ، ياقىسىنى يىرتىدۇ ياكى تارتىدۇ، چىراي ئىپادىسى بەكمۇ بىچارە ۋە ئازابلىق بولىدۇ. كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقىدۇ. قوزغالغاندىن كېيىن 20~10 مىنۇت ياكى بىر-ئىككى سائەت داۋام قىلىدۇ. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىق قىلىشى بىلەن كېسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، قوزغىلىش توختىغاندىن كېيىن ھوشسىز ھالەتكا كېلىدۇ. ئىككى كۆزىنى چىڭ يۇمىۋالىدۇ، كۆزىنى مەجبۇرىي ئېچىپ كۆرگەندە كۆز قارىچۇقى يۇقىرىغا قاراپ قالىدۇ ياكى ئىككى تەرەپكە مىدىرلاپ تۇرىدۇ، بۇ خىل ئالامەت بەزىدە بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنىدۇ، قوزغالغان ۋاقىتتا تۇتقاقلىققا ئوخشاش تىلىنى چىشلىۋالىدىغان ،قاتتىق يىقىلىپ چۈشىدىغان، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ.
(2)ھىستېرىيىلىك پالەچلىنىش
پالەچلىنىشنىڭ ئېغىر-يېنىكلكى ئوخشاش بولمايدۇ، يېنىكلىرى ھەرىكەت قىلالايدۇ لېكى جانسىز بولىدۇ. ئېغىرلىرى پۈتۈنلەي ھەرىكەت قىلالمايدۇ. بەزى كېسەللەر كارىۋات ئۈستىدە پالەچتەك كۆرۈنمەيدۇ، لېكىن كېسەل ئورنىدىن تۇرالمايدۇ،ماڭالمايدۇ، بۇنى ھىستېرىيىلىك ئورنىدىن تۇرالماسلىق دەپ ئاتايمىز. تەكشۈرگەندە نېرۋا فۇنكىسىيىسىنىڭ ئەزا خاراكتېرلىك زەخمىلەنگەنلىكىگە ئائىت دەلىل تاپقىلى بولمايدۇ. پاتولوگىيىلىك رېفلىكىس ياكى مۇسكۇللارنىڭ يىگىلىشى بولمايدۇ.
(3)ھىستېرىيىلىك سۆزدىن قېلىش ۋە جىمغۇرلۇق
كالپۇك ، تىل،تاڭلاي، ئاۋاز پەردىلىرىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى بولمايدۇ، كېسەل گەپ قىلماي قول ئىشارىسى ياكى يېزىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن نورمال يۆتۈلەلەيدۇ، يەكشۈرگەندە ئاۋاز پەردىسى نورمال بولىدۇ.
2.ھىستېرىيە مەنبەلىك روھىي توسقۇنلۇق
1)ھېسسىياتنىڭ قوزغىلىشى
روھىي زەربىدىن كېيىن قوزغىلىش تېز بولۇپ، ئىچىنى بوشىتىۋېلىشنى ئالاھىدىلىك قىلىدۇ. مەسىلەن : قاتتىق يىغلاش ، قاتتىق كۈلۈش، ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۈنى پۈتۈپ قالغۇچە توختماسلىق، ھەتتا چاچلىرىنى يۇلۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىش، ئۆزىنى مۇشتلاپ، يەرنى تېپىپ تامغا ئۈسۈش ياكى يەردە دومىلاش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. قوزغىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەللىيسىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. بەزى كېسەللەرگە تەسەللىي بەرگەنسېرى ئەدەپ كېتىدۇ، يەنە بەزىلىرى ياخشىلىنىپ قالىدۇ.
2) ئەس-ھوشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى
كېسەلنىڭ ئەس-ھوشى خىرەلىشىپ، ھوشسىزلىنىپ قالىدۇ، ھوشسىزلانغاندا چاقىرسا جاۋاپ بەرمەيدۇ. ئىتتەرسە ئىنكاس بولمايدۇ ياكى مىدىرلىمايدۇ، پۇت-قولى تاياقتەك قېتىۋالىدۇ، پەقەت قاپىقىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، پۇت-قولىنى مىدىرلاتقاندا قارشىلىق كۈچى بولىدۇ.ئەس-ھوشى شخىرەلەشكەن ھالەتتە ھېسسىي پائالىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەرخىل بولىدۇ. قىلىقلىرى مۇبالىغىلەشكەن بولىدۇ، كېسەل خۇددىباشقىلارغا ئويۇنقويۇپ بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، پاراڭلاشقاندا شائىرلاردەك سۆزلەرنى قىلىدۇ. سۆزىنىڭ مەزمۇنى ئۆزى ئۇچرىغان روھىي ئازاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بەزى كېسەللەردە ساختا دېۋەڭلىك كۆرۈنىدۇ، سوئالغا جاۋاپ بەرگەندە سوئالغا يېقىن جاۋاپلارنى بېرىدۇ، مەسىلەن : كېسەلگە قانچە بارمىقىڭ بار،دېسە، تۆت بارمىقىم بار ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ياكى قانچە قۇلىقىڭ بار، دېسە ئۈچ ياكى بىر قۇلىقىم بار ، جاۋاپ بېرىدۇ.
3)ئۇنۇتقاقلىق
كېسەل مەلۇم بىر ۋاقىتتىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئەسلىيەلمەيدۇ. ھەتتا ئۆتمۈشتىكى تۇرمۇشى ۋە سالاھىيىتىنى ئىنكار قىلىدۇ.
4)خىيالىي سەيلە قىلىش
كېسەلنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يوقىلىپلا قالماستىن ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ تاكى بىمارنى تاپقىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن جەرياننى ئەسلىيەلمەيدۇ،ھەتتا ئۆزىنىڭ كىملىكىنىمۇ ئەسلىيەلمەيدۇ. بۇ خىل ئالامەت ھىستېرىيىدىن باشقا يەنە تۇتقاقلىقتىمۇ كۆرۈلىدۇ.
5)قوش خاراكتېر
كېسەل ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئىككى خىل سالاھىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. قايسى خىل خاراكتېرنى ئىپادىلىسە كېسەل شۇنىڭغا ماس ھالدىكى خاراكتېر ۋە پوزىتسىيىدە بولىدۇ.
تور بېكەت باشلىقى :ئابدۇللاھ تىۋىپ. دۇرا زاكاس قىلىش ۋە تىببى مەسلىھەت سوراش يانفۇن نۇمۇرى:13199972967 كوت كوت :2779009524 سودا سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:6212263015000405303 پوچتا بانكا كارتا نۇمۇرى:62179988000550407 يېزا ئامانەت قەرز بانكا كارتا نۇمۇرى:6212872032418280 كا

6

تېما

1

ئەگەشكۈچى

679

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1734
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 564
تۆھپە : 0
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 09:42:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمكەن
قانداق ئەۋاللرڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

2779009524
在线咨询
ئابدۇللاھ تىۋىپ
13199972967 15509032247

ئۇلىنىش قوشوڭ|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى|  

GMT+8, 2016-7-3 01:27, Processed in 0.119825 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش